ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

مائارىپ قانداق بولسا، كەلگۈسىمۇ شۇنداق بولىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 11- كۈنى 06:56   |    ئاپتور : جاۋ ئېنا  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    جىلىن ئۆلكىسى يېقىندا مەملىكەتلىك مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. بۇ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ، تيەنجىن، جياڭسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەندىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە 8 – بولۇپ مەجبۇرىيەت مائارىپى تەكشى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) قاتارىغا ئۆتكەنلىكىدىن، شۇنداقلا ئوتتۇرا غەربىي رايون بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتكەن تۇنجى ئۆلكىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    شەرقىي شىمال رايونىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى باھالاپ بېكىتىشتىن ئالدى بىلەن ئۆتكەنلىكى بەلگىلىك ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئۈلگە بولۇش رولىغا ئىگە. بىر تەرەپتىن، ھازىر شەرقىي شىمال رايونى ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ھالەتتە تەرەققىي قىلىشىدىكى ‹‹ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مەزگىلى››دە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ھەقىقەتەن بەزىبىر يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە ۋە يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. بۇنداق ئەھۋالدا، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش دەرۋەقە ئاسان ئەمەس؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مائارىپ ئۇل قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. مۈشكۈلاتلارنى تىرىشىپ يېڭىش ئىرادىسى بىلەن مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ خىراجەت سېلىنمىسى ۋە سىياسەت كاپالىتىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش ئەل قەلبىنى ئىللىتىش، ئاساسنى پۇختىلاش، ھەتتا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشەنچىنى قايتا ئۇرغۇتۇشتا تولىمۇ مۇھىم.

    بۇنداق دېيىشتە تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار: ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا، شۇ جاينىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى، بولۇپمۇ ئۇل مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئىختىساسلىقلارنىڭ تاللىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىختىساسلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرى شۇ جايلاردا يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ تەربىيەسىنى ئالالىسا، ئىختىساسلىقلارنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەرزەنتلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش – بولالماسلىقى يۇقىرى تەمىنات ۋە راھەت تۇرالغۇغا قارىغاندا ئۇلارنى تېخىمۇ بەكرەك جەلپ قىلىدۇ. بىر رايوننىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ياخشى بولغاندىلا، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلالايدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش مۇمكىن بولمايلا قالماي، ئەسلىدە بار بولغان ئىختىساسلىقلارنىمۇ تۇتۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

    ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئالدى بىلەن مائارىپنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. چۈنكى يېڭى نورمال ھالەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ‹‹يېڭى موتورى››نى قوزغىتىشتا ئىختىساسلىقلار ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋاھالەنكى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئارقىدا قېلىشى مائارىپنى ئىقتىسادتىن ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى بەلگىلىگەن.

    ھازىر ئېلىمىزدىكى رايونلار، بولۇپمۇ جىلىنغا ئوخشاش شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت رايونلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شارائىتى ناچار، بايلىقى ئاز، مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسى ئاجىز، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى كىرگۈزۈش نىسبەتەن قىيىن، بىر قىسىم كونا شەھەر رايونلىرىدا، پىلانلاش، تەڭشەش، سىغىمنى ئاشۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قىيىن، ئوقۇغۇچىلارغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە سىنىپ، مەيدان كۆلىمى قاتارلىقلارنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشمۇ تەس؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، بولۇپمۇ يېزا – كەنتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يەنىلا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سانىنى تولۇقلاش يېتەرسىز، يېزىلاردىكى كىچىك مەكتەپلەردە سىنىپ – ئوقۇتقۇچى نىسبىتى بويىچە ئوقۇتقۇچى سەپلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىيىن، بىر قىسىم يېزىلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېشى چوڭ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى تۆۋەن، ‹‹يېزا – كەنت مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتۇپ قېلىش، دەرسنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتۈش›› قىيىنچىلىقى يەنىلا گەۋدىلىك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەن قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق مەسىلىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت.

    ۋاھالەنكى، مۇشۇنداق شارائىتتا، مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە داۋاملىق تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، مەسىلە كۆپ، قىيىنچىلىق ئېغىر، خىرىس زور بولسىمۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەي، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئالدى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ‹‹جاپا ھەر قانچە زور بولسىمۇ، بالىلارنى جاپادا قويماسلىق، ھەر قانچە نامرات بولغان تەقدىردىمۇ، مائارىپقا مەبلەغ سېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش›› كېرەك.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۈپەتنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، جايلارنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەپ، ‹‹تۆۋەن دەرىجىدىكى تەكشى تەرەققىيات››نى ئەمەس، ‹‹يۇقىرى دەرىجىدىكى تەكشى تەرەققىيات››نى نىشانلاش كېرەك. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ چارە – تەدبىر قوللىنىپ، مەكتەپلەرنى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، سۇبيېكتىپ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش، باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، خاسلىقنى يېتىلدۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى تۇتقا قىلىپ، خاسلىققا ئىگە مەكتەپ قۇرۇپ، سۈپەتنى ئەلالاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    بىز دائىم مائارىپ قانداق بولسا، كەلگۈسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، دەيمىز. بىزدە يەنە ‹‹ئىشەنچ ئالتۇندىنمۇ قىممەت›› دېگەن گەپ بار. تېخىمۇ نۇرغۇن ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)نىڭ جىلىنغا ئوخشاش ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چاغدىمۇ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، مائارىپ ئارقىلىق ئەل قەلبىنى ئىللىتىپ، مائارىپ ئارقىلىق ئىشەنچنى قايتا ئۇرغۇتۇشىغا تەقەززامىز.

    ‹‹خەلق گېزىتى››دىن

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى