ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

ئىسلاھاتنىڭ ‹‹تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك››ىنى بەرپا قىلايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 11- كۈنى 06:40   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

    قىيىن ئىشلار ئىرادىنى تاۋلايدۇ؛ ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندىلا قىممىتى بولىدۇ. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل سېلىپ، تۈۋرۈك قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.

    يەلكەن كۆتۈرۈلۈش: جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مۇساپىگە قايتا ئاتلىنىش

    دەۋر بوران–چاپقۇن، داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا. تارىخ ۋە كەلگۈسىنىڭ تۇتىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان، كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسى يېلىنجاۋاتقان جۇڭخۇا مىللىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىگە ئاتلاندى.

    يەلكەن كۆتۈرۈلۈپ يېڭى مۇساپە باشلانغاندا يۆنىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

    تۈرلۈك–تۈمەن ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە مىسلىسىز زور ئىسلاھات بېسىمى ئالدىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەت قائىدىسىنى بېكىتىشتىن مەخسۇس گۇرۇپپا تەسىس قىلىشقىچە، ئىسلاھات لايىھەسىنى قاراپ چىقىشتىن ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاشقىچە، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىسلاھات ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىشقىچە باشتىن–ئاخىر ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىلمىي يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دېموكراتىيە–قانۇنچىلىق ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئالتە مەخسۇس گۇرۇپپا بويىچە ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، جايلار، تارماقلار ئىدىيەنى تېز بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىسلاھات قەدىمىنى نىشانغا قاراپ قەتئىي ئالغا سىلجىتتى.

    2014–يىلى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن 80 نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالدى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىمۇ 108تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، 370تۈرلۈك ئىسلاھات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ‹‹ئىسلاھاتتا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان، پۇختا قەدەم تاشلايدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇق چېچىش، بىر–بىرلەپ چېچەكلەپ مېۋە بېرىشتەك جانلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى››.

    2015–يىلى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن 101 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالدى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىمۇ 153 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر 415 تۈرلۈك ئىسلاھات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ‹‹ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، پۇختا قەدەم تاشلايدىغان، ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى››.

    2016–يىلى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن 97 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە 128 تۈرلۈك باشقا ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالدى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىمۇ 194 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر جەمئىي 419 تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    ‹‹ئۈچ يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق بەلگە خاراكتېرلىك، ئاچقۇچلۇق بىر تۈركۈم چوڭ–چوڭ ئىسلاھات لايىھەلىرى يولغا قويۇلۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، بىر تۈركۈم مۇھىم نەزەرىيەدە، تۈزۈمدە، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى شەكىللەنمەكتە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزۇلدى››. 2016–يىل 12–ئاينىڭ 30–كۈنى ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 31–قېتىملىق يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچلۇق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى.

    دولقۇن يېرىش: جاسارەت بىلەن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش، توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈش

    ئۇل سېلىشتىن تۈۋرۈك قويۇشقىچە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئاساسلىق زىددىيەتنى تۇتۇپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغاندىلا، ھالقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

    مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاشنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ‹‹تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك›› خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئېنىق بەلگىلەپ، ئىلگىرى–كېيىنلىك تەرتىپىنى تۇرغۇزۇپ، نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، تىرەكلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يەر تۈزۈمى، سىرتقا ئېچىۋېتىش، مەدەنىيەت، مائارىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، مۇھىت ئاسراش، كۈتۈنۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تېببىي دورا–سەھىيە، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

    ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھازىر جۇڭگودا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا، ھالبۇكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىيىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى››نىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى تۈرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىش، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ھۆججەتلەر ئارقا–ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا ‹‹N+1›› سىياسەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، ‹‹چېرتيوژ››، ‹‹قۇرۇلۇش چېرتيوژى›› تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى.

    ھازىر مەملىكەت بويىچە دۆلەت كارخانىلىرى شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %90كە يەتتى، قېلىپلاشقان مۇدىرىيەت قۇرغان مەركەز كارخانىسى 80دىن ئېشىپ، بازار رىقابىتى تەلىپىگە ماسلىشىش تەدبىرى، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش خىزمىتى پۇختا يولغا قويۇلۇپ، 2016–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەركەز كارخانىلىرى ئىچىدىكى ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ نىسبىتى %68.9كە، پېيى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتنىڭ مۈلكى، تىجارەت كىرىمى ۋە پايدا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ مەركەز كارخانىلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم–ئايرىم %61.3، %62.8 ۋە %76.2كە يېتىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

    ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل ماكان قۇرۇش ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن، جەزمەن ‹‹GDP ئەقىلچىلىك نەزەرىيەسى›› نەتىجە قارىشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىدىغان ئىدىيە ‹‹تۇمان››ىنى تازىلاش كېرەك.

    ھەقىقىي تۇتۇپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جۈرئىتى، كەسكىن بولۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلغاندىلا، ئىسلاھاتنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ، ‹‹يېشىل تەرەققىيات›› ۋە ‹‹يېشىل تۇرمۇش›› پىلانلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2016–يىلىدىلا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ھۆججەت 20دىن ئاشتى. مەنبەدىن قاتتىق توسۇش، جەرياننى قاتتىق باشقۇرۇش، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنى قاتتىق جازالاشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى.

    ئىسلاھاتتا پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كىچىك ھالقىلارغىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك.

    2017–يىلى كىرىشى بىلەن ‹‹ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش›› مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي خىزمەت رىتىمى بولۇپ قالدى. جايلار، تارماقلار ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلاردىن باشلاپ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، ئۇلار تونۇش ۋە ھەرىكەتتە قىلچە مۈجمەل بولماي، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش، مائارىپ تۈزۈلمىسى–مېخانىزمى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

    ‹‹ئىسلاھاتتا خاتالىق كۆرۈلسە مەيلى، لېكىن ئىسلاھات ئېلىپ بارماسلىققا بولمايدۇ››، ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتا دادىل بولۇپ، پىلانلاشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك››... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 37–قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان سۆزى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

    يىراققا يۈرۈش قىلىش: ئاچقۇچنى تۇتۇپ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش

    ئىسلاھاتتا مەركىزىي نۇقتىنى چۆرىدەپ، ئاچقۇچنى تۇتۇپ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلقنى بەخت–سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش كېرەك.

    ‹‹نامراتلىق قالپىقى››نى چۆرۈۋېتىش خەلقنىڭ ئۈمىدى ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە، 2013–يىلىدىن 2016–يىلىغىچە دۆلىتىمىز يېزىلىرىدا يىلىغا 10 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالە ئازايدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلار جەمئىي 55 مىليون 640 مىڭغا يېتىپ، ئوتتۇراھال دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي سانى بىلەن تەڭلەشتى. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يەنە 43 مىليون 350 مىڭ ئاھالە ئارقا–ئارقىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ ...

    ياخشى خىزمەت تېپىش خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىسلاھاتتا ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردە ئاز دېگەندە بىرەيلەننىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر–بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۇدا تۆت يىل 13 مىليوندىن ئاشتى، 31 چوڭ شەھەر ۋە شەھەر–بازارلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاساسەن %5 ئەتراپىدا كونترول قىلىنغان...

    ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ خەلقنىڭ تەقەززاسى شەھەر–يېزىلارنىڭ ‹‹ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم›› سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، نامرات رايونلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس تۈر پىلانىنى بېكىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى تېخىمۇ ئاسانلاشتى...

    قولايلىق داۋالاش كاپالىتىنىڭ بولۇشى خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىسلاھات ئارقىلىق نۇرغۇن كىشى باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشتى. شەھەر–يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مالىيەدىن ياردەم بېرىش ئۆلچىمى 2013–يىلىدىكى يىلىغا كىشى بېشىغا 280 يۈەن بېرىشتىن بۇ يىل 420 يۈەن بېرىشكە ئۆستۈرۈلدى، بۇ يىل %85تىن كۆپرەك ۋىلايەت، شەھەردىكى پۇقرالارنىڭ ئائىلە دوختۇرى بولىدۇ، ھەممەيلەن ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ...

    مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 33–قېتىملىق يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئەمدىكى مۇھىم ھالقا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش بولۇپ قالدى. شۇڭا خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى تۇتۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

    ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى، ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى بارغانسېرى ئېنىق بولدى، بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىغا يېتىشىگە پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8–ئاينىڭ 9–كۈنى تېلېگراممىسى)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى