ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

مەدەنىيەتنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم تاشلايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 11- كۈنى 06:37   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى نەتىجىلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تەشۋىقات، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر ئىسلاھات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈچنى ‹‹تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك››كە مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن چوڭقۇر كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىدىغان بىر تۈركۈم يول ئېچىش خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئاساسىي رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يېتەكچى قىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشى پۇختا ئىگىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

    دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇساپىسىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

    مەدەنىيەت ئىشەنچى تېخىمۇ ئاساسىي، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ، شۇنداقلا تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچ؛

    ئەسلىنى ئۇنتۇماي، سىرتتىن قوبۇل قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئۆزگەرتىش، ئۆگىنىش داۋامىدا ھالقىش كېرەك؛

    مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قېزىش ۋە شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛

    سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتلىك كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى، زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى ۋە زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛

    ئىدېئولوگىيە خاسلىقى ۋە كەسىپ خاسلىقى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باشتىن–ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. مەيلى نېمىنى ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىش بولسۇن، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشكە، بازىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

    ...

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانىدا پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكى نامايان قىلىندى، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسى بېيىتىلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

    تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇھىم سۆزنى ئىسلاھاتنىڭ نىشان تەپەككۇرى ۋە ۋەزىپە تەدبىرىگە ھەقىقىي ئايلاندۇردى. ‹‹مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى››، ‹‹دۆلەتنىڭ <13–بەش يىل> مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىيات ئىسلاھاتى پىلان پىروگراممىسى››نى تۈزۈپ، ‹‹ئىككى ئۈنۈم››نى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ئالاھىدە باشقۇرۇش پېيىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، ئاڭلىتىشنى باشقۇرۇش، كادىر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە تىجارەتنى ئايرىش، ئەدەبىيات–سەنئەتنى باھالاش–مۇكاپاتلاش ئىسلاھاتى، زامانىۋى جامائەت مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق 40 نەچچە ئىسلاھات ھۆججىتى چىقىرىپ، ئىسلاھات يول خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلى، ۋەزىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈمى سىستېمىسىنىڭ ‹‹لىم››ى ۋە ‹‹تۈۋرۈك››ىنى بەرپا قىلدى. مۇشۇ ئاساستا ۋەزىپە دەپتىرى تەسىس قىلىپ، تەكشۈرۈش ۋە ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالىدىن ئايدا بىر قېتىم ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر پەسىلدە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا تۈزىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغىچە ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنلىرىدا بېكىتىلگەن 104 تۈرلۈك مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنىڭ 97سى ئورۇندالدى، قالغان يەتتە تۈرى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

    ئىجتىمائىي ئۈنۈم باشتىن–ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە–مېخانىزم ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

    ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا باشتىن–ئاخىر ياخشى ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. بىر ئاساسىي لىنىيە ئىسلاھاتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا چېتىلغاچقا، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە فۇنكسىيەلىك ئورۇننى بېكىتىش تولۇق ئويلىشىلىپ، مەدەنىيەتنى ماكرولۇق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مىكرولۇق ھەرىكەت مېخانىزمى ئىسلاھاتى بىر تۇتاش پىلانلاندى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزم تىرىشىپ بەرپا قىلىندى.

    مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹دۆلەت مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى بېسىپ تارقىتىپ، ‹‹ئىجتىمائىي ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى باھالاش ھوقۇقى سالمىقى %50تىن كۆپرەكنى ئىگىلەش››، ‹‹پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، تەشۋىقات تارماقلىرى ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىش››تەك دۆلەت مەدەنىيەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹‹ئىككى ئۈنۈم››نى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىرىنسىپى تەلىپىنى كونكرېت تۈزۈم لايىھەسىگە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت مەدەنىيەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان، پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت كارخانىلىرى كەسپىي دىرېكتورلار تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى.

    ‹‹جۇڭنەن›› تاراتقۇ گۇرۇھى شىركىتى ھەم ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ھەم توغرا يولدا ماڭالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس باھالاش چارىسىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىغا بىۋاسىتە چېتىلىدىغان باھالاش مەزمۇنلىرىدا ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تەكىتلەش ۋە ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ تەلىپىنى يېنىكلىتىشنى گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھى توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، دۆلەت بۇرچىنى ئادا قىلىش، مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىنى زورايتىش بىلەن تۈزۈم ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باھالاشنىڭ ‹‹تۆت 1–دەرىجىلىك كۆرسەتكۈچ››ىنى بېكىتىپ، ئاساسىي تېما نەشرىياتچىلىقىنى كۈچەيتتى ۋە جانلاندۇردى، تىجارەت كىرىمى، ئومۇمىي مۈلكى، ساپ مۈلكى 10 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

    مىقدارلاشتۇرۇش، مەشغۇلاتچانلاشتۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. بېيجىڭ، شاڭخەي، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇبېي، يۈننەن، شەنشىدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، شەھەر ۋە بېيجىڭدىكى قىسمەن نەشرىياتلار ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باھالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ساھەلەر بويىچە قانات يايدۇردى. نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولغان ئەنخۇي ئۆلكىسى ‹‹ئىككى ئۈنۈم›› نەتىجىسىنى باھالاش مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشى، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىجتىمائىي ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى باھالاش مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، نومۇر قىممىتى تەسىس قىلماي، ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلسە ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش››نى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ئىش ھەققى بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تەڭ ئۆرلىتىپ، تەڭ چۈشۈردى.

    ‹‹تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تۈزۈپ، تورنى نەزەرىيە تارقىتىش، ئاخبارات تارقىتىش، مەدەنىيەت تارقىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور مەدەنىيىتىنى ساغلام تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تور بوشلۇقى ئاكتىپ كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە ئۇرغۇتتى. ئالاھىدە باشقۇرۇش پېيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى، تور ئۈن–سىنى، تور نەشرى قاتارلىق ساھەلەردە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن رامكىسىدىكى ئالاقە تورى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كارخانىلىرىنى يېتەكلەش–باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي تۈزۈم جايلىشىشىنى شەكىللەندۈردى.

    ‹‹مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى تىجارەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت كەسپىي ئورۇنلىرى تۈزۈلمىسىنى كارخانىغا ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاشقا دائىر ئىككى بەلگىلىمىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزدى، ھازىر ئۇنىۋېرسال، مەخسۇس ھۆججەت 30دىن ئاشتى، بۇ ھۆججەتلەر مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش سىياسەتلىرى ۋە كىنو، تىياتىر–ئەلنەغمە، نەشرىيات، كىتابخانا، كارتون، كىچىك ۋە مىكرو كارخانا، تاشقى مەدەنىيەت سودىسى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ‹‹ئىككى ئۈنۈم››نى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسەت رامكىسى بەرپا قىلىندى.

    مەدەنىيەتكە دائىر قانۇن چىقىرىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، ‹‹تور بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹كىنو كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى››، ‹‹جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› يېڭىدىن تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى قانۇن ئەسلىدىكى تۆتتىن يەتتىگە كۆپەيتىلدى.

    تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشى ئىگىلىنىپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىدىغان، يۇغۇرما تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان تاراتقۇلار تارقىتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى

    تاراتقۇ ئەندىزىسىنى چوڭقۇر تەڭشەش ۋە جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش يېڭى ۋەزىيىتىگە پائال ماسلاشقان ھالدا پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاخبارات تارقىتىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنىپ، ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەردە يېڭىلىق يارىتىلىپ، زامانىۋى تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئىناۋىتى ئۆستۈرۈلدى.

    ‹‹ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر›› تۈزۈلۈپ، ‹‹مەركىزىي ئاشخانا›› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، بىر تۈركۈم يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ۋە تاراتقۇ گۇرۇھلىرى مەيدانغا كەلدى. ‹‹خەلق گېزىتى›› ‹‹مەركىزىي ئاشخانا›› مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پىلانلاش، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، تارقىتىش تەرتىپىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپتە تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2016–يىلى 12–ئايغىچە ‹‹خەلق گېزىتى››، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو–مۇزىكا›› تېرمىنال چۈشۈرۈش مىقدارى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 150 مىليون، 180 مىليون، 550 مىليون بولۇپ، توردا تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

    ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئىچكى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ‹‹ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە تىجارەتنى ئايرىشنى قاتتىق يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› تۈزۈلۈپ، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە تىجارەتنى ئايرىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، تىجارەت ھەرىكىتى بىلەن ئاخبارات خەۋىرىنى بىر–بىرىگە باغلاش قاتتىق چەكلەندى. ئاخبارات ئالدامچىلىقى ۋە يالغان خەۋەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاخبارات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ كەسپىي ھەرىكىتى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلدى، مەركەزدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ يەرلىكتە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ئېنىقلىنىپ ۋە تەرتىپكە سېلىنىپ، يەرلىكتە تۇرۇشلۇق 1181 ئاپپارات ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ۋە بىرلەشتۈرۈلۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 1435 كىشى ئېنىقلىنىپ ئاخبارات سېپىدىن چېكىندۈرۈلدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى شۆبە ئاگېنتلىقلىرى مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە تىجارەتنى ئومۇميۈزلۈك ئايرىپ، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە تىجارەتنىڭ ‹‹گىرەلىشىپ كېتىش››مەسىلىسىنى ئۈزۈل–كېسىل ھەل قىلىپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

    تورنى قانۇن–نىزام بويىچە باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ياخشى تور جامائەت پىكرى مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ‹‹تور بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹تور ئۇچۇرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار››، ‹‹كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر›› قاتارلىق قانۇن ۋە ھۆججەتلەر تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشتىكى ئۇللۇق قانۇن–نىزام ۋە قائىدە–تۈزۈملەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

    ‹‹ئىككى بارلىق›› تەلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ۋە تېرمىنال››نى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. 2016–يىلىدىن بۇيان توردىكى 18 مىليوندىن ئارتۇق شەھۋانىي، پەسكەش، چاكىنا ئۇچۇر، 9 مىليوندىن ئارتۇق ساختا ۋە يالغان ئۇچۇر، 3 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ھوقۇققا دەخلى–تەرۇز قىلىش، ئوغرى نەشرگە چېتىشلىق زىيانلىق ئۇچۇر تازىلاندى، تور بوشلۇقى تېخىمۇ پاكىز، مەزمۇنى تېخىمۇ ساغلام بولدى.

    مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، مەدەنىيەت كەسپى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇلدى

    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى: 2012–يىلىدىن 2016–يىلىغىچە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 تىرىليون 810 مىليارد يۈەندىن 3 تىرىليون 30 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم 3 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتتى؛ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %3.48تىن %4.07كە يېتىپ، تۇنجى قېتىم %4تىن ئاشتى. بىر پۈتۈن ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئەھۋالدا، مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، جۇش ئۇرۇۋاتقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا كۈچ چىقىرىشنى مەۋقە قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت كەسپى سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت كەسىپلىرى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى.

    مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ‹‹كىنو كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى››، ‹‹كىنو تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئائىت بىر قانچە ئىقتىسادىي سىياسەتلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››، ‹‹دىراما – ئەلنەغمىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاشقا ئائىت بىر قانچە سىياسەت توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› قاتارلىق قانۇن ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت سەنئەت فوندى، دۆلەت نەشرىيات فوندى، نادىر كىنو ئەسەرلىرى مەخسۇس مەبلىغى، مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى قاتارلىقلارنىڭ مەشغۇلات مېخانىزمى ياخشىلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يېتەكلەش، يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. ‹‹مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەدەبىيات–سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر›› تۈزۈلۈپ، مەملىكەتلىك بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ئەدەبىيات–سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاش %87.5، دائىملىق تەسىس قىلىنغان ئەدەبىيات–سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاش %75.4 قىسقارتىلىپ، ئەدەبىيات–سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاشنىڭ نوپۇزى ۋە يېتەكلەش كۈچى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.

    ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، ‹‹ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا››، ‹‹تاشئالما يەنىلا شۇ پېتى››، ‹‹جياۋ يۈلۇ››، ‹‹ئۇزۇن سەپەر››، ‹‹مىكون دەرياسى ھەرىكىتى››، ‹‹38–پاراللېل›› قاتارلىق كىنو–تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. 2016–يىلى مەملىكەت بويىچە كىنو بېلىتى كىرىمى 49 مىليارد 283 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012–يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %137 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمى 28 مىليارد 747 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمىنىڭ %58.33 ىنى ئىگىلىدى، بېلەت كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان كىنو 86 بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگىنى 45.

    مەدەنىيەت بازىرى سۇبيېكتى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى ھەم زورايتىلدى. دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ رايون، كەسىپ، مۈلۈكچىلىك ھالقىشى ھەم قوشۇلۇپ قايتا تەشكىللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەمەلىي كۈچى، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك تايانچ مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېزلىتىلدى. 2017– يىلىدىكى 9–نۆۋەتلىك ‹‹30 كۈچلۈك مەدەنىيەت كارخانىسى››نىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كۆلىمى، ئەمەلىي كۈچى، بازار رىقابەت كۈچى ۋە پايدا ئېلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن، ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى 351 مىليارد 500 مىليون يۈەن، ساپ مۈلكى 431 مىليارد 800 مىليون يۈەن، ساپ پايدا 38 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012 – يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %120، %155، %69 ئاشقان.

    ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خاس، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىدىن قۇرۇلغان كىچىك، مىكرو مەدەنىيەت كارخانىلىرى ‹‹ھەممە جاينى قاپلىدى››. سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017–يىلى 6–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت ۋە ئالاقىدار كەسىپ كارخانىلىرى 3 مىليون 220 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.4 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كارخانىلار سانىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

    مەدەنىيەتكە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. مەدەنىيەت بايلىقى بىلەن كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كاپىتال سۇپىسىدىكى مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ‹‹كۆپەيتكۈچى ئېففېكت›› تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى. 2017–يىل 4–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شاڭخەي، شېنجېن شەھىرىدىكى مەدەنىيەت پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 103كە يېتىپ، A پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %3.21ىنى ئىگىلەپ، روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە ‹‹مەدەنىيەت بۆلىكى››نى شەكىللەندۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پېيىنى ئۆتۈنۈش سىستېمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ۋىۋىسكا ئاسقان مەدەنىيەت كارخانىلىرى 690غا يېتىپ، يېڭى 3–بازاردا ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانا ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن % 6.2ىنى ئىگىلىدى.

    مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە يېتىلدۈرۈلدى. ‹‹ئالاقە تورى +›› ئىستراتېگىيەسى جىپىسلاشتۇرۇلۇپ، ‹‹مەدەنىيەت +›› ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، مەدەنىيەت ۋە پەن –تېخنىكا، مائارىپ، ئۇچۇر، ساياھەت، تەنتەربىيە، قۇرۇلۇش لايىھەسى ۋە ئالاقىدار ياسىمىچىلىق كەسپى قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2016–يىلى ‹‹ئالاقە تورى +›› ئاساسىي شەكىل قىلىنغان مەدەنىيەت ئۇچۇر يەتكۈزۈش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان، مەملىكەت بويىچە ئەنگە ئېلىنىپ تورغا يوللانغان تور كىنوسى 5556 بولغان، 40 ئاساسلىق تور ئەدەبىياتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەر 14 مىليون 548 مىڭغا يەتكەن.

    مەدەنىيەتنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم تاشلايلى.

    مەدەنىيەت ئىستېمالى كېڭەيتىلىپ ۋە يېتەكلىنىپ، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۇنىۋېرسال گەۋدە قۇرۇلۇشى، سەنئەت رەستە رايونى، ئالاھىدە كىتابخانا ۋە كىچىك تىياتىرخانا قۇرۇلۇشلىرى قوللاشقا ئېرىشتى، شارائىتى بار جايلارنىڭ ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمالىغا مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشى ئىلھاملاندۇرۇلدى. بۇ يىل 6–ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېكران ئومۇمىي سانى 45 مىڭغا يېتىپ، ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ئېكران يىغىندى سانىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 1–ئورۇنغا ئۆتتى.

    مەدەنىيەت جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى

    گۇيجۇدا رەڭدار گۇيجۇ رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە بۇلۇتى بىلەن يېزىلارنى قاپلاش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە بۇلۇتىنى مەمۇرىي كەنتلەرگىچە داۋاملىق قاپلاش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ‹‹ئېھتىياجغا ئاساسەن زاكاز ئېلىش، پۇقرالار زاكاز قىلىش›› ئۈستىدە ئىزدىنىشتە خېنەن ئۆلكىسى جياۋزو شەھىرى ‹‹پۇقرالار مەدەنىيەت تاللا بازىرى›› ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ‹‹تاللا بازىرى ››لاشقان تەمىنلەش، ‹‹زاكاز شەكلى››دە تەقسىملەپ ئەۋەتىش ئارقىلىق خەلققە دەل جايىدا نەپ يەتكۈزدى؛ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ‹‹بىر كۆزنەكتە ئىش بېجىرىش›› مۇلازىمىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە ئەنخۇينىڭ دېھقانلار مەدەنىيەت باغچىسى، جېجياڭنىڭ يېزا مەدەنىيەت زالى، شەندۇڭنىڭ مەدەنىيەت ھويلىسى قۇرۇلۇشى، گۇاڭشىنىڭ ‹‹بەش بىر›› كەنت دەرىجىلىك جامائەت مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى...

    بەش يىلدىن بۇيان، جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، مەركىزىي نۇقتىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىكى ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››نى تۇتاشتۇردى.

    مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈشنى تۇنجى قېتىم مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى ۋە خىزمەتنىڭ تۇتقىسى قىلىپ، 14 كىچىك تۈر بويىچە 22 ماددىلىق ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى كونكرېت ئۆلچىمىنى بېكىتتى؛ ‹‹جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى كاپالىتى قانۇنى››نى ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى جەريانىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى قانۇنىي شەكىلدە قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە دائىرىسىنى بەلگىلەپ، جامائەت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش يولىغا سالدى.

    ‹‹ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر›› تۈزۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، تەنتەربىيە–چېنىقىش قاتارلىق يېزا–بازار ۋە كەنت دەرىجىلىك ئەسلىھە بايلىقلىرى، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بايلىقىنى تۇتاشتۇرۇش، ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

    ‹‹<13–بەش يىل> مەزگىلىدىكى نامرات رايونلارنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى››نى تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىگنالى ياڭرىتىلىپ، دەل جايىدا يۆلەش، ئىنچىكە ئىشلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ، بايلىقلار نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلۇپ، نامرات رايونلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇندى.

    ئالاقىدار تارماقلار مالىيە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۈزلىگەن ناھىيە، تۈمەنلىگەن كەنت ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مەركەزلىك، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار تۇتاش رايونلاردىكى ناھىيەلەر ۋە دۆلەتنىڭ يۆلەش–ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەردە 10 مىڭ كەنت ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشقا يار–يۆلەك بولدى؛ 2016–يىلى يەنە نامرات رايونلاردىكى مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، چېگرا ناھىيە، كەنتلەرنى ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن قاپلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نامرات رايونلاردىكى مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، چېگرا ناھىيەلەردە كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىلگىرى سۈردى.

    سىرتقا چىقىرىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسى تىرىشىپ ياخشى سۆزلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى ئاشۇرۇلدى.

    ئىتالىيە پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ھەمكارلىقىدا ‹‹شاد–خۇراملىققا چۆمگەن چاغان›› ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلدى؛ ئامېرىكا ‹‹شاد–خۇراملىققا چۆمگەن چاغان››نى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزدى. فىرانسىيە تۇنجى قېتىم ‹‹چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى›› پىروگراممىسى ئۆتكۈزدى... ‹‹شاد–خۇراملىققا چۆمگەن چاغان›› پائالىيىتى 2017–يىلى دۇنيادىكى 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 500دىن ئارتۇق شەھەردە 2000 مەيداندىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلدى، چەت ئەلدىكى تاماشىبىنلار 280 مىليون(قېتىم)غا يەتتى.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ‹‹جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››، ‹‹تاشقى مەدەنىيەت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> يۇمشاق كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر›› قاتارلىق ھۆججەتلەر ئارقا–ئارقىدىن بېسىپ تارقىتىلىپ، تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسى، مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە مەدەنىيەت سودىسى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، جۇڭگو ھېكايىسى ياخشى سۆزلىنىپ، جۇڭگو ساداسى ياخشى تارقىتىلىپ، مەدەنىيەتنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش سالمىقى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.

    سىرتقا قارىتىلغان سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەش چىڭ تۇتۇلۇپ، يېڭى ھېكايىلەر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىدىكى چوڭقۇر مەزمۇن ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكلەر جانلىق شەرھلەندى. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 22 خىل تىلدىكى 25 خىل نەشر نۇسخىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 6 مىليون 250 مىڭ پارچە تارقىتىلىپ، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو تۈزۈمى، جۇڭگو لايىھەسى تېخىمۇ كۆپ دۆلەت، رايونلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

    تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسى كېڭەيتىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى، جۇڭگو تائاملىرى، جۇڭگو باغۋەنچىلىكى، جۇڭگو گۇمپىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ئىسىم كارتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تاشقى ئالاقە ماركىسى يارىتىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مايىللىق كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ئاشۇرۇلدى. دۆلىتىمىز 2016–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسىدىكى 60 نەچچە دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ ھازىر 140 دۆلەتتە 511 ‹‹كۇڭزى›› ئىنستىتۇتى، 1073 ‹‹كۇڭزى›› دەرسخانىسى قۇرۇلدى، چەت ئەلدە جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدىن 30ى، جۇڭگو سارىيىدىن 14ى قۇرۇلدى.

    خەلقئاراغا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تاشقى تەشۋىقاتتىكى باشلامچى تاراتقۇلار بەرپا قىلىندى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە تورى) مۇۋەپپەقىيەتلىك پىروگرامما تارقىتىشقا باشلىدى. ‹‹خەلق گېزىتى›› مۇھىم ئىنگلىزچە ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات سۇپىسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، ‹‹فېيسبۇك›› جامائەت ھېسابات نومۇرى مەستانىلىرى مىقدارى 30 مىليونغا، ‹‹تىۋىتتېر›› مەستانىلىرى 2 مىليون 600 مىڭغا يەتتى؛ يېقىنقى بەش يىلدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىلىرى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆزئارا جەلپ قىلىش›› ئىستاتىستىكىسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى؛ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چەت ئەلدىكى بارلىق قانال كۆرۈرمەنلىرى 400 مىليونغا يېتىپ، دۇنيادىكى 168 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى.

    تاشقى مەدەنىيەت سودىسى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى سالمىقى ۋە رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلدى. 2016–يىلى ئېلىمىز مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 78 مىليارد 670 مىليون دوللار، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش كەسپى بويىچە چەت ئەلگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ 3 مىليارد 920 مىليون دوللار بولۇپ، 2012–يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 18.6 ھەسسە ئاشقان؛ كىتاب نەشر ھوقۇقى بويىچە سىرتقا چىقىرىلغان كىتاب 10 مىڭ خىلغا يېتىپ، چىقىرىلغان ۋە كىرگۈزۈلگەن تۈر نىسبىتى 2012–يىلىدىكى.9 1: 1دىن 2016–يىلىدىكى .6 1: 1گە ئۆرلىگەن.

    بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ھامان مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى يېتەكچى ۋە تىرەك قىلىدۇ. مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تېخىمۇ پارلاق نۇر چېچىپ، تېخىمۇ ئۇلۇغ، شانلىق نەتىجە يارىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك قىممەت يېتەكچى كۈچى، مەدەنىيەت مۇجەسسەملەش كۈچى ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلغۇسى!

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى