ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

ياپونىيە 2016-يىلنىڭ ئاخىردا ئىلىكىدىكى پىلوتونىي مىقدارىنى 46.9 توننىغا ئازلاتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 08- كۈنى 08:31   |    ئاپتور :   |   مەنبە : نۇر تورى

    تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ 1-ئاۋغۇست ھۆكۈمەتنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيەسى كومىتېتىغا قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «216-يىلنىڭ ئاخىرغىچە، ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پىلوتونىي مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر توننىغا يېقىن ئازلاپ، 46.9 توننىغا چۈشتى». ياپونىيە «كىيودو ئاگېنتلىقى» 1-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «2012-يىلدىن ئاخىرىدىن بۇيان ياپونىيەنىڭ پىلوتونىي ئومۇمىي مىقدارى تۇنجى قېتىم ئازلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئىچىدە يادرو پارچىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان پىلوتونىي 31.1 توننا كېلىدۇ».

    پىلوتونىي يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى رادىياتسىيەلىك يادرو يېقىلغۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئايرىۋېلىنىدۇ. ياپونىيەنىڭ بۇنى ساقلاشتىكى مەقسىتى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېقىلغۇسى سۈپىتىدە ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش، بىراق پىلوتونىيدىن يادرو قورالى ياسىغىلى بولغاچقا، بۇنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بولالمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئىگە بولغان مىقدارنىڭ ئېشىپ كېتىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەنسىرىتىپ قويغان.

    بۇ قېتىم مىقدارىنى ئازايتىش كانساي ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى تاكاخاما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 3، 4-نومۇرلۇق گېنراتولار گۇرۇپپىسىنى قايتا قوزغاتقاندا، پىلوتونىينىڭ ئىسسىقلىقىدىن توك تارقىتىشتا پىلوتونىي ۋە ئۇران بىرىكتۈرۈلگەن ئوكسىدلىق يېقىلغۇ ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. بىراق، بۇنىڭدىن كېيىن پىلوتونىي ئىسسىقلىقى بىلەن توك تارقىتىشنىڭ باشقا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىغا كېڭەيتىلىش-كېڭەيتىلمەسلىكى ئېنىق ئەمەس. پىلوتونىي ئىشلىتىشتىمۇ ئېنىق پىلان يوق.

    ئاتوم ئېنېرگىيەسى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ناگائوكا مۇنداق دېگەن: «ئىلىكىمىزدىكى پىلوتونىي مىقدارى بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئازلايدۇ. بۇنىڭدىكى مۇھىم مەسىلە يىراقنى كۆزلەپ، مىقدارىنى ئازايتىش ھەمدە ئەھۋالىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشتۇر.»

    دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 46.9 توننا پىلوتونىينىڭ ئىچىدە ياپونىيەنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقىنى 9.8 توننىكەن. ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ساقلىشىغا ھاۋالە قىلىنغان، بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى ئومۇمىي مىقدارى ئاساسەن بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەسىنى ساقلىغان بولۇپ، تەخمىنەن 37.1 توننا كېلىدىكەن.

    ياپونىيەنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقاننىڭ ئىچىدە كانسايدىكى 3-، 4-گنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە سەرپ بولىدىغىنى تەخمىنەن 904 كىلوگىرام. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە 311 كىلوگىرام پىلوتونىي ئامېرىكىنىڭ تەتقىق قىلىشىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. يەنە بىر جەھەتتىن، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى 2016-يىلى 9-ئايدا قوللانمىنى تۈزەتكەندىن كېيىن، تېز نېيتروننى كۆپەيتىشتىكى ئەسلىي تىپلىق ئاتوم قازىنى «مونجۇ» دا ئىشلىتىلمىگەن يېقىلغۇمۇ دوكلات قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، شۇڭا ياپونىيەنىڭ ئىلىكىدىكى مىقدارغا 251 كىلوگىرام پىلوتونىي يېڭىدىن خاتىرىلەنگەن.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى