ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 08- كۈنى 08:30   |    ئاپتور :   |   مەنبە : نۇر تورى

    تېڭشۈن تورى 1-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆي سېتىۋالغاندا ھەممە ئىش توختام بويىچە قىلىنىدۇ. بىراق، ئۆينى ئۆتكۈزۈۋالىدىغاندا نۇرغۇن ئادەم ئەھۋالنىڭ توختامدىكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ، سۈپىتى، ئۆلچىمى لاياقەتسىز بولىدۇ. بۇ «كىرىشىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆي سېتىۋالغاندا تۆۋەندىكى 7 تۈرلۈك مەسىلىگە دىققەت قىلغاندا كېيىن ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

    قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئوغرىلىنىپ، ئەسلىدىكىدىن ئازىيىپ كېتىدۇ.

    ئۆي سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى تەشۋىقات ۋارىقىدا ناھايىتى چىرايلىق قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ئۆيلەر ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىرق، ئۆينى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سۈرەتتىكىدەك ئۇنچە كۆركەم ئەمەسلىكى بايقىلىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئاچقۇچى شىركەتلەر قۇرۇلۇش تەننەرخىنى تېجەش ئۈچۈن قۇرۇلۇشنىڭ سىرتى ۋە ئاممىۋىي رايونلاردىن ماتېرىيال ئوغرىلاپ كېلىپ سۈپىتى ناچار ياكى باھاسى تۆۋەن ماتېرىياللارنى تەشۋىقات ۋارىقىدىكى ماتېرىياللارنىڭ ئورنىغا دەسستىدۇ. مەسىلەن، سۇۋالغۇنى فارفورنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكەندە تەننەرخنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆركەم قىلغىلى بولىدۇ. بىراق، بۇ ئۆيلەرنىڭ سۈپىتى ناچار بولىدۇ. بۇنداق كىرىشىش ھادىسىسى سەۋەبلىك ھوقۇقىنى قوغداش دەۋالىرى يېقىندىن بۇيان خېلى كۆپىيىپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ھوشيارلىقىنى يۇقىرىلىتىپ، توختامدا چەكلىمە خاراكتېرلىك نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋېلىش ھەمدە توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنىمۇ كونكرېت يېزىش كېرەك.

    ئۆينىڭ كۆلىمى:

    ئادەتتە، ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى توختامدا بېكىتىلگىنىدەك بولىدۇ. بىراق، ئۆينىڭ كۆلىمىدە پەرق چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توختاملاشقاندا ئۆينىڭ كۆلىمى كىچىكلەپ كېتىش ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. ناۋادا ئېنىق كېلىشىم بولمىسا بۇنداق ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش توغرا كەلسە ئۆي سېتىۋالغۇچى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ناۋادا ئۆينىڭ كۆلىمى جەھەتتىكى پەرق %3تىن كىچىك بولسا كىچىكلىگەن كۆلەم بويىچە پۇل تاپشۇرۇش، ناۋادا كىچىكلىگەن كۆلەم %3تىن يۇقىرى بولسا ئۆينى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

    ئېھتىياجلىق ئەسلىھەلەرنىڭ كىرىشىپ كېتىشى:

    قورودىكى تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى كەم بولسا بولمايدۇ. مەيلى ئاممىۋي ئەسلىھەلەر بولسۇن، مەيلى سودا خاراكتېرىنى ئالغان ئەسلىھەلەر بولسۇن، ھەتتا قورونىڭ ئۆزىدە سېلىنغان مەكتەپلەر بولسۇن ھەممىسىلا قورودىكى تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنى ئاچقۇچى شىركەت ئۆي سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ بولىدۇ. ئۆينى تاپشۇرۇۋالىدىغاندا چىقىدىغان مەسىلىلەر ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.

    پىلان ئۆزگىرىشى:

    بارلىق بىنالارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ئالدىن بېكىتىۋېتىلگەن بولىدۇ. تەشۋىقات قىلىنغاندىمۇ بىنانىڭ ئىلگىرى ۋە كېيىنكى مەزگىللىك پىلانى ئۆي سېتىۋالغۇچىغا ئۇقتۇرۇلۇپ، خېرىدار جەلپ قىلىنىدۇ. بىراق، ئەمەلىي قۇرۇلۇش جەريانىدا بىر قىسىم سودىگەرلەر پايدىنى كۆزلەپ، قارا كۆڭۈللۈك قىلىپ پىلاننى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بىنالارنىڭ ئارىلىقىنى كىچىكلىتىپ، سانىنى كۆپەيتىدۇ، ئەسلىدە مەنزىرە ۋە ئەسلىھەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان جايمۇ ئىگىلىنىپ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى توختامدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇۋالسا كېيىن بىر تەرەپ قىلىشقا ئاسان بولىدۇ.

    ئۆينىڭ ئېگىزلىكى يېتەرلىك بولمىسا مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    ئۆينىڭ ئېگىزلىكى ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، تۇرغان ئۆينىڭ ئېگىزلىكى، يەنە بىرى يەر ئاستى ماشىنا ئىسكىلاتىنىڭ ئېگىزلىكى. ئۆينىڭ ئېگىزلىكى يېتەرلىك بولمىسا ئۆينىڭ كۆلىمىگە ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يېتىدۇ؛ ماشىنا ئىسكىلاتىنىڭ ئېگىزلىكى يېتەرلىك بولمىسا مۈلۈك ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. بۇ خىل كىرىشىشنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر. ناۋادا توختامدا ئېنىق چەكلىمە بېكىتىۋېلىنسا ئاچقۇچى شىركەتتىن مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

    مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەن:

    تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ ئاچقۇچى شىركەتلەرمۇ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. بىراق، بىر قىسىم ئاچقۇچىلار پايدا كۆزلەپ، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىپ، ئازراقلا چىملىق قويۇپ قويىدۇ. ئۆي باھاسى يۇقىرى، قەرزنى قايتۇرۇش تەس كېلىۋاتقاندا بۇنداق ئەھۋال بايقالسا ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدۇ.

    مۈلۈك ھوقۇقى چېكى كۆپىنچە تولۇق 70 يىل بولماي، 50-40 يىل بولىدۇ. بىراق، ئۆي سېتىۋالغاندا ئاچقۇچى شىركەتلەر 70 يىل، 50 يىل، 40 يىل دېگەندەك مۈجىمەل جاۋابلارنى بېرىدۇ. مۈلۈك ھوقۇقى چېكى ئاساسلىقى يەر-زېمىن ئىشلىتىش چېكىنى كۆرسىتىدۇ. زېمىن سېتىۋېلىپ قولغا ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا 3-2 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىل چېكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئۆي سېلىشقىمۇ مەلۇم ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، بۇ مەسىلىنى ئۆي پۈتۈپ بولغاندا تالاشقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆي سېتىۋالغاندا يىل چېكىنىڭ توختامدىكى بىلەن ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى