ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

بالىلاردىكى مەددە قۇرت كېسەللىكىنى داۋالاش

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 08- كۈنى 08:15   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    بالىلاردىكى مەددە قۇرت كېسەللىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىقتىن، يېمەكلىك ماددىلىرى بىلەن ئۈچەيگە كىرگەن مەددە قۇرت تۇخۇمىنىڭ مەددىگە ئايلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىر بولغان قىلدەك ئىنچىكە مەددە چوڭ تەرەت بىلەن چىقىش، سوڭى قىچىشىش، قورساق ئاغرىش، كېچىسى بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

    بۇنى داۋالاشتىكى رېتسېپ: ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى ۋە تۇربۇتتىن 20 گىرام، سەبرىدىن ئالتە گىرامنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ. كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ (دورا ئىستېمال قىلىنىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۈرگە دورىسى ئىستېمال قىلىش كېرەك).

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى