ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

سوزۇلما خاراكتېرلىك چارچاش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە سەل قارىماڭ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 08- كۈنى 08:13   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

دائىم چارچىغاندەك ھېس قىلىپ ئۇخلىيالمامسىز؟ ئۇنداقتا سوزۇلما خاراكتېرلىك چارچاش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، سوزۇلما خاراكتېرلىك چارچاش كېسەللىكىنى چوقۇم داۋالىتىش كېرەك، لېكىن بۇ خىل كېسەللىك بىمارلىرىدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىدىغانلار ئاران %6كە يېتىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سوزۇلما خاراكتېرلىك چارچاش كېسەللىكىنىڭ ئىپادىلىرى دائىم چارچاش ھېس قىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇسى قانمىغاندەك، بەدەنلىرى ئاغرىغاندەك ھېس قىلىش قاتارلىقلار ئىكەن. بۇ خىل كېسەللىكنى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېرمال تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئاپپاراتى ئارقىلىقمۇ بىلگىلى بولىدىكەن.

بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش، يەنى ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بەدەندىكى ئوكسىگېنلىق ماددا ئالمىشىشنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى