ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىشنىڭ خەتىرى چوڭمۇ؟

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 07- كۈنى 09:52   |    ئاپتور :   |   مەنبە : nur tori

 

    نۇرغۇن ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كومپيۇتېر ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ قالدى، بۇلار كومپيۇتېر ئېكرانىغا داۋاملىق تىكىلىپ ئولتۇرىدۇ، نەتىجىدە كۆز خىرەلىشىش، باش ئاغرىش، كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆز ياشاڭغىراش، چارچاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەمما، بۇ ئەھۋاللارنىڭ كۆپىنچىسى ۋاقىتلىق بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدىن تۇرۇپ كەتسىلا، بۇ ئالامەتلەرمۇ يوقايدۇ. لېكىن چاتاق يېرى، كومپيۇتېر ئالدىغا كەلسە، ئىككى سائەت بولا-بولماي، يەنە بىئارامچىلىق باشلىنىدۇ.

    مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا، كومپيۇتېرنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۆزىگە بولغان زىيىنى ھەقىقەتەن كىتابنىڭ زىيىنىدىن چوڭ، چۈنكى كىشىلەر ئېكرانغا قارىغان چاغدا كۆزنى ئاز چىمچىقلىتىدۇ. ئېئوۋا ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئادەملەرنىڭ ئېكرانغا قارىغان چاغدىكى كۆزنى چىمچىقلىتىش سانى كىتابقا قارىغان چاغدىكىدىن ئون ئۈچتىن بىرچىلىك ئازىيىدىكەن. كۆزنى چىمچىقلىتىش سانىنىڭ ئازىيىشىدىن باشقا، يەنە كومپيۇتېرنىڭ كۆزگە بەكرەك زىيانلىق بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىغان بىر قانچە ئامىل بار بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملاردىكى خەتلەر ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما دەرىجىسى ۋە خەتلەرنىڭ رېڭى كىتابنىڭكىگە يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، داۋاملىق ئېكرانغا تىكىلىپ قارىسا كۆز ئاسانلا چارچاپ كېتىدۇ.

    ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا كومپيۇتېرنى كۆپ ئىشلەتكەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ كۆزنى ساغلام قىلغىلى بولىدۇ دېگەندە: 15-20 گىرادۇس تۆۋەن نۇقتىدىن ئېكرانغا قاراش، ئېكران بىلەن 20-28 دىيۇم ئارىلىق ساقلاش. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر 20 مىنۇتتا بىر قېتىم 20 سېكۇنت ئەتراپىدا يىراققا قاراپ بېرىش، ئېكرانغا 2 سائەت قارىغاندىن كىيىن كۆزنى 15 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇش. ئەگەر كۆزئەينەك تاقاشقا توغرا كەلسە، يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىماسلىق. چۈنكى بۇ خىل كۆزئەينەك كۆزنى تېخىمۇ قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە چارچىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋاپىق ئىشلەتسە، مۇۋاپىق ئاسراش تەدبىرلىرىنى قوللانسا، ئېكرانغا ئۇزۇن قارىغان تەقدىردىمۇ قارىغۇ بولۇپ قالمايدۇ.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى