ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ مېڭىسى ئۆتكۈر بولىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 07- كۈنى 09:46   |    ئاپتور :   |   مەنبە : nur tori

    ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ, ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ, ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ 7000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

    ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﮬﯟﻩ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺳﯩﻨﯩﻘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﯩﻨﯩﻐﺎﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﭼﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ, ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ «ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ» ﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

    ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 1500 ﺳﯩﻨﮕﺎﭘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯚﺕ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ, ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ %75 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ, ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 1--3 ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﭘﻪﻣﯩﻞ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ %43 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ, ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ, ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ ﻗﻪﮬﯟﻩﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭ-ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ.

    ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ: ﭼﺎﻱ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺌﺎﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ, ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭼﺎﻱ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﮔﯜﻣﺒﻪﻣﻪﺩﻩﻛﺘﯩﻼ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ,ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى