ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سىياسىي نەزىرىيە

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەيلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 07- كۈنى 04:09   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

    گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئامما يېقىندا مەركەزلىك ئۆگىنىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26-ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەر سىستېمىلىق يەكۈنلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا بەش يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر شەرھلەندى، بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى «سۆز»نىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەشەببۇسكارلىق ئېڭىمىزنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئويغىنىشقا تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلى بىلەن، قىلچە بوشاشماي، داۋاملىق كۈچەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز.

    تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۆ بىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ «كومپاس»ى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرىمىز. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەپ، سىياسىينى تەكىتلەشنى باشتىن- ئاخىر بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرگە كىرىشىپ، ئاڭلىق ھالدا «ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان» باشلامچى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە ئىدىيەنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە جاسارەت بىلەن ئىشلەش روھىي ھالىتى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۈرۈمچىدە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

    بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق يېزىسى كولدالا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى گاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى خەلقنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتۈرۈش، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش كېرەك. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، «سۆز»نىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تولۇق بىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى خەلقنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەيمىز.

    بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ چىغان چىگدە يېزىسى سەكرەش كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سېيتغازى مۇراتبېك مۇنداق دېدى: پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىلاردىن بولىمىز.

    كورلا شەھىرى سايباغ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ لىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى كادىرلار ۋە ئاممىغا ئەينەن يەتكۈزۈپ، تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولى، كوممۇنىستلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

    لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئاقسۇپا يېزىسى ئاقسۇپا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى كېرەم ئىسمايىل مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئاساسىي مەقسەتنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىيەتنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، نىشانغا يەتمىگىچە بولدى قىلماسلىق ئىرادەم ۋە غەيرىتىم بىلەن خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

    ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن شۇجىسى ليۇ شىشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامنىڭ سىياسىي- قانۇن كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رولىمنى جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە يۇرتىمىزنىڭ تىنچ- ئامانلىقىنى قوغدايمەن.

    باي ناھىيەسىنىڭ ياقائېرىق بازىرى لەڭگەر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەركىن سەمەت مۇنداق دېدى: پارتىيە تەربىيەلىگەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىزچىل چىڭ تۇرىمەن. كەنتنىڭ «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىدىكىلەر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تەشكىلاتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەڭگىۋار قورغاننى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىتىپ لەڭگەر كەنتىنى بارغانسېرى تىنچ، ئىتتىپاق قىلىپ، ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىپ، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەشكە يېتەكلەيمىز.

    قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۈلنار بەكرى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزگە ئىنتايىن زور ئىلھام ۋە تۈرتكە بولدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش، تەشۋىقات سېپىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى جامائەت پىكرى تەشۋىقات مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان ياخشى مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن.

    قومۇل شەھەرلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلىنىشىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پېيچىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل بولدى، بۇ بەش يىلدا پارتىيەنىڭ ئىدىيە، تەشكىلىي، ئىستىل ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى. ھازىر بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى بويىچە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم- كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى گۇمۇدى غەربىي يولى كوچا باشقارمىسى ئەمىن مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى ۋۇ شياۋشۆ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل بولدى. ئاددىي پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتىنىمىز ۋە پارتىيەمىزدىن پەخىرلەندىم، ئىپتىخارلاندىم، شۇنداقلا بىزدەك ئاددىي كىشىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

    (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ تىڭ، شيا چىڭ، گەي يۇجۈن، جاۋ چۈنخۇا، جاۋ شىيا، لى چۈنشيا، لى لىن، گاۋ ۋا، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ يۈبەي، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز يىن ۋېي، چېن ۋەنلۇ، فەن جىنفېڭ، فەن چۈنخەي، جى شياۋجېن، سۇڭ لىرېن)

    ئەسكەرتىش:

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى