ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سىياسىي نەزىرىيە

باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىزچىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پولات ئىستىھكامنى ئورتاق قۇرىمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 07- كۈنى 04:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى تورى

    ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

    گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايون 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاچقان يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى نازارەت، ئىدارىلەر، ھەر قايسى سىستېمىلار تېزدىن يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق دېيىشتى: باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىزچىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ پولات ئىستىھكامىنى ئورتاق قۇرىمىز.

    ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر زۇلپىيە ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. قاتناش- تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، زوراۋان- تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مەمەتجان ئابلا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا- سانائەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلاجان قۇربان مۇنداق دېدى: يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ساداقەتمەن، پاك، دادىل» بولۇشتەك كادىرلار ئوبرازىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىمىز.

    دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

    8-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى كادىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشان ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، ھەممە كىشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، «ئۈچ خىل كۈچ»نى ئەيىبلەپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي يوقىتىشتەك كۈچلۈك داغدۇغىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ئېزىز مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئالدىنقى مەزگىلدە قانات يايدۇرغان دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئاساسىدا، مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى شەكىللەندۈرىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتىسيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكىلەرنى ئىدىيە ۋە تونۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «خەلق ئىشلىرى خەلق ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرىدا خەلقنى سۆيۈش» دېگەن خىزمەت ئەقىدىسىنى پۇختا تورغۇزۇپ، شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت- سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش يۈكسەكلىكىدە نامراتلارنى يۆلەشنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق ئىشلىرىدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتىن قوتقۇزۇپ، قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

    دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتى ۋە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىگە سىڭدۈرىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بىر قېتىملىق ئېلان قىلىش يىغىنى شۇنداقلا بىر قېتىملىق قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيە پائالىيىتى ۋە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىگە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر رۇڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايون بويىچە سودا سىستېمىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، سودا سىستېمىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تازىلاشنى ئەڭ تۈپ خىزمەت تەلىپى، ئەڭ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت بىلىپ، سودا سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىنى يەنىمۇ ساپلاشتۇرىمىز. سودا نازارىتى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالىمىز.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى