ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سىياسىي نەزىرىيە

مول نەتىجە، تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 07- كۈنى 04:07   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى تورى

    − دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا (2)

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

    بۇ، ئىدىيەگە، روھىي دۇنياغا تاقىلىدىغان بىر مەيدان سىناق، شۇنداقلا خەلق ئۇرۇشى توغرىسىدىكى بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى يازغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت كادىرلار باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە نەزەرىيە شەمشىرىنى غىلاپتىن چىقىرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، « ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بېرىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ئاساس سېلىپ، جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلىدى، بۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

    نەتىجىلەر ئارقىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەجرىبىلەر ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيەسىنى نامايان قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىسى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، تەجرىبە، نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەش جەريانىدا قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، غايە ۋە نىشانغا ئۈزلۈكسىز يېقىنلىشىش كېرەك. داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى شۇكى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، خۇلاسىلەپ ۋە چوڭقۇر ئىگىلەپ، پائالىيەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، باش نىشانغا يېتىشنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئورتاق تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. «<ئۈچ خىل كۈچ> مىللەتنى كۈچەيتىدىغان مۇقەددەس شىپالىق دورا ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان راك ھۈجەيرىسى»، «مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىناق تۇرمۇشىمىزغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ، خاتىرجەملىكىمىزنى بۇزىدىكەن، شۇلار دەل بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز»، «ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم ۋەتەنپەرۋەرلەردىن ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن بولىمىز، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى قەلبىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز»... قىسقىغىنا بىر نەچچە ئايدا دۆلەت رەھبەرلىرىدىن تارتىپ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرىگىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلاردىن تارتىپ كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ شۇجىلىرىغىچە، ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تارتىپ ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلارغىچە، سودا - سانائەتچىلەردىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلارغىچە بەس - بەستە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بايان قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەپ، زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇ سادالار شۇنى مۇنازىرىسىز ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى دانا، توغرا بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر قاتار «بىرىكمە مۇشت»ى مەركەزنىڭ تەلىپىگە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، «ئۈچ خىل كۈچ» كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، ئاممىنىڭ كۈچى چەكسىزدۇر، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

    دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش كادىرلارنى چېنىقتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسى ۋە تەشكىلىي كاپالىتىنى مۇستەھكەملىدى. «سىياسىيدا قەتئىي، كۈچلۈك بولغان، بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم». نەچچە ئايدىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جاسارىتىنى تاۋلاپ، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئومۇمىيىتىگە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا قويۇپ ئويلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب شۇكى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش نىشاننى يەنىمۇ پۇختا تۇرغۇزدى، پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تۈرتكە بولۇشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئارقىلىق ئاممىۋى لۇشيەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئامما باش نىشانغا يېتىشنىڭ ئىشتىراكچىسى، ئەمەلىيەتچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامى بەرپا قىلىندى.

    نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش بىلەن بىللە، يەنە بەزى يېتەرسىزلىك ۋە مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەك، بەزى جايلار، ئورۇنلار ۋە بەزىلەرنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە بولغان تونۇشى چوڭقۇر ئەمەس، سەزگۈرلۈكى يېتەرلىك ئەمەس؛ بەزىلەر يىراقنى كۆزلىمەيۋاتىدۇ، تەپەككۇرى چوڭقۇر ئەمەس؛ بەزىلەردە شەكىلۋازلىق ئېغىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە روھىي دۇنياسىغا تاقالغىنى يوق. بۇ ھادىسىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت داۋامىدا ھەقىقىي ياخشىلىشىمىز كېرەك.

    دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ باسقۇچلۇق نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتىمىز ۋە جاسارىتىمىزنى ساقلاپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قەتئىي بولدى قىلماسلىقىمىز كېرەك.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى