ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

ئىككىلىك كود ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىشتا نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 03- كۈنى 08:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    جاڭ جىچۇەن

    ئىككىلىك كود ھازىر تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگىچە سىڭىپ كىردى، كۆكتات بازىرىدىن سودا سارايلىرىغىچە، مېھمانسارايلاردىن ئاشپۇزۇللارغىچە، ھەتتا تاكسىغا ئولتۇرغاندىمۇ ئىككىلىك كود بىزنى قولاي پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككىلىك كودنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىدىغانلارغىمۇ پايدىلىق پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

    ئىككىلىك كود ئالدامچىلىقىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدا ئىستېمالچىلارنىڭ بىپەرۋالىقى مۇھىم سەۋەب بولسىمۇ، ئەمما نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئىككىلىك كودنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن تېخى چىقىرىلمىدى، ئىككىلىك كودقا گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئورۇنمۇ تەسىس قىلىنمىدى. ئىككىلىك كود ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇچۇر تېخنىكا مەھسۇلاتى بولغاچقا، ئىستېمالچىلارنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىدا بەلگىلىك قىيىنچىلىق مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.

    ئىككىلىك كودنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا، ئالدى بىلەن كونكرېت ھەم مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك، يەنى ‹‹تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسى››نى ئۆرنەك قىلغان ئاساستا ئىككىلىك كودنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىككىلىك كودنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن – تۈزۈم ئىزىغا سېلىپ، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئاساس سېلىش كېرەك.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككىلىك كودنىڭ ئەسلىي مەنبەسىنىڭ ئېنىق بولماسلىقىمۇ ئىككىلىك كود ئالدامچىلىقىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، بۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئىككىلىك كودتىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئىككىلىك كود ئاساسىي ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇپ، بارلىق ئىككىلىك كود سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تۇتاش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا يىغىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە خەۋپ – خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەل بولغاندىلا، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ. شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، ئىستېمالچىلار بۇ سىستېمىدىن پايدىلىنىپ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىغاندا، ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ئىستېمالچىلارنى ئۆز ئالدىغا ھوقۇق – مەنپەئەتنى قوغداشقا مەجبۇر قىلماسلىقى، ئىستېمالچىلارغا ئاكتىپلىق بىلەن دەلىللەش، تەكشۈرۈش، پاش قىلىش قاتارلىق ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

    نىجات قۇربان تەرجىمىسى

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى