ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

ئىككىلىك كود ئارقىلىق كىرىم – چىقىم قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇڭ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 03- كۈنى 08:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مۇبارەك ئىسمائىل

    ئىككىلىك كود دائىم ئىشلىتىلىدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بىرخىل كىرىم – چىقىم قىلىش ۋاسىتىسى. ئۇ، پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىككىلىك كودى بىلەن پۇل تۆلىگۈچىنىڭ ئىككىلىك كودى، دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. پۇل تۆلىگۈچى تەرەپ پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى تەرەپنىڭ ئىككىلىك كودىنى سىكاننېرلىغاندا، پۇل تۆلىگۈچى تەرەپتىن پۇل چىقىم بولىدۇ؛ پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى تەرەپ پۇل تۆلىگۈچىنىڭ ئىككىلىك كودىنى سىكاننېرلىغاندا، ئۇنىڭ ھېساباتىغا پۇل كىرىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى خىل ئىككىلىك كودنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغاندا، كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ.

    ئۈرۈمچىدىكى ۋاڭ خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئىككىلىك كود ئارقىلىق چىقىم قىلىش مەشغۇلاتىدا ئېھتىياتسىزلىق قىلغانلىقتىن، ئەسلىدىكى چىقىم مىقدارىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى زىيانغا ئۇچرىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىككىلىك كود ئارقىلىق كىرىم – چىقىم قىلىشتىن قول ئۈزگەن.

    بەزى شىركەتلەر خېرىدارلارنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چىقىم قىلىشتىكى ئىككىلىك كودنى مۇۋاپىق تەڭشىگەن. بۇنىڭدا پۇل تۆلەشتە ئىشلەتكەن ئىككىلىك كودنى كەسمە سۈرەت قىلىپ ساقلىۋالغاندا، بۇ ئىككىلىك كود دەرھال ئىناۋەتسىز بولىدىكەن، كېيىن پۇل چىقىم قىلىدىغان چاغدا، چوقۇم قايتىدىن سىكاننېرلاشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئالدامچىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇل تۆلەش ئىككىلىك كودىنى يىراقتىن ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. لېكىن، ئىككىلىك كودنى كەسمە سۈرەت قىلىپ ساقلىۋالغاندا، پۇل تۆلەش ئىككىلىك كودى دەرھال ئىناۋەتسىز بولغان بىلەن، ئۇنى باشقا بىر يان تېلېفون ئارقىلىق سىكاننېرلىغاندا، بۇ ئىككىلىك كودنى يەنىلا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.

    ئالدامچىلار پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ئىككىلىك كودى بىلەن پۇل تۆلەش ئىككىلىك كودىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلغاندىن باشقا، ئىككىلىك كودنىڭ ئەسلىي مەزمۇنىنى ئوغرىلىقچە ئۆزگەرتىۋېتىشمۇ ئۇلارنىڭ دائىم قوللىنىدىغان بىرخىل ئالدامچىلىق ئۇسۇلى ھېسابلىنىدىكەن. مەسىلەن، ئالدامچىلار بەزى نورمال ئىككىلىك كودنى ئوغرىلىقچە ئۆزىنىڭ پۇل تاپشۇرۇۋالىدىغان ئىككىلىك كودىغا ئالماشتۇرۇۋالىدىكەن، نەتىجىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پۇل چىقىم قىلغاندا، ئەمەلىيەتتە، پۇلنى ئالدامچىلارنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىگەن بولىدىكەن. بەزى ئالدامچىلار ھەتتا ياغاچ ئات ۋىرۇسى ئۇلىنىشىنى ئىككىلىك كود قىلىپ ياساپ قويىدىكەن، نەتىجىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇ ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىغاندا، ئالدامچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يان تېلېفونىدىكى بانكا مەبلىغىنى ئوغرىلىقچە بىۋاسىتە ئىشلىتەلەيدىكەن. ھەتتا بەزى ھەمبەھرە ۋېلىسىپىتلەردىكى ئىككىلىك كودمۇ ئالدامچىلارنىڭ نىشانى بولۇپ قالغان.

    ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئىككىلىك كود ئارقىلىق كىرىم – چىقىم قىلغاندا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

    ئالدى بىلەن، پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ئىككىلىك كودى بىلەن پۇل تۆلەش ئىككىلىك كودىنىڭ ئىقتىدارىنى ئوبدان چۈشىنىۋېلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل تۆلەش ئىككىلىك كودىنى باشقىلارغا خالىغانچە بېرىپ تۇرۇش، ناتونۇش ئىككىلىك كودنى خالىغانچە سىكاننېرلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. يان تېلېفونغا APP چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندا، چوقۇم ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ APPسىنى چۈشۈرۈش، كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلغاندا ياكى زەنجىرسىمان ئۇلىنىشقا كىرگەندە ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىغا قوشۇلغاندا، ئىككىلىك كودنىڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى چوقۇم جەزملەشتۈرۈۋېلىش كېرەك. ئىككىلىك كودنىڭ يېڭىدىن چاپلانغانلىقى ۋە بۇزۇۋېتىلگەنلىكى ياكى باشقا روشەن نورمالسىز ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ھامان چوقۇم ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، ئالدامچىلارنىڭ ئىككىلىك كودنى ئالماشتۇرۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى