ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سۆرەتلىك خەۋەر

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى جەنۇبىي شىنجاڭغا تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ قوشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 20- كۈنى 03:59   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق يېزىسى 4-كەنتىدىكى جۈمە قۇربان (سولدىن 2-كىشى) ئايالى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان «دېھقانلار سېخى»دا يانفون زەرەتلىگۈچنى قۇراشتۇرماقتا (28-ئىيۇن فوتوسى).

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كارخانىلىرىنىڭ بۇ جايدا كىچىك تىپتىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى سىناق نۇقتىلىرىنى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىش ئورنى، ئۈسكۈنە ۋە تەربىيەلەشلەرنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەشكە قولايسىز بولغان دېھقانلارنى ئۆيلىرىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

    گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 2010-يىلىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن بۇيان، گۇاڭدۇڭنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيى 158 مىڭ يۈرۈشكە يەتكەن. يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پىلاندىن سىرت يەنە 250 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ پۈتۈن كەنتتە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 20 مىڭ ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ بۇ جايدا كىچىك تىپتىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى سىناق نۇقتىلىرىنى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشتەك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ياشاشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ياخشى مۇھىت ياراتقان.

    (چېن جى فوتوسى)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى