ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەيلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 20- كۈنى 03:15   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

    يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل ئەھمەد، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتلار ئايرىم – ئايرىم ئېلان قىلغان ‹‹ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايلى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى شىنجاڭ زېمىنىدا مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرايلى››، ‹‹پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئۇنتۇماي، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى›› تېمىسىدىكى ئىمزالىق ماقالىلەر ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

    بۇ ماقالىلەردە ئۈچ پېشقەدەم يولداش ئايرىم – ئايرىم ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇقىملىقنى سۆزلەپ، ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى.

    ئۈچ پارچە ماقالە ۋەتەن ۋە پارتىيەگە بولغان سەمىمىي ھېسسىيات، چىن مۇھەببەتكە تويۇنغان، چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىشلىرىغا بولغان مۇتلەق سادىقلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا بولغان يۈكسەك غەمخورلۇق ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش قەتئىي ئىشەنچىسى مۇجەسسەملەنگەن.

    ئۈچ پېشقەدەم يولداش شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئۇزاق يىل شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان، ئۇلار شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ياشلىق باھارىنى بېغىشلىغان ۋە قان – تەرىنى سىڭدۈرگەن، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ زور مۇقىملىق، تەرەققىيات مۇساپىسىگە شاھىت بولغان، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ تەسىر كۈچى بار؛ ئۈچ پېشقەدەم يولداش شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىغا قارىتا ئېنىق ۋە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل شىنجاڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى ۋە شىنجاڭنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ چاقىرىق قىلىش كۈچى بار؛ ئۈچ پېشقەدەم يولداش ئۇزاق يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىپ، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر ۋە سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانى ئېنىق، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بار. شۇڭا ئۈچ پېشقەدەم يولداشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن قىلغان بۇ مۇراجىئەتنامىسى جەزمەن ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ، جەزمەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچلەرنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەيدۇ.

    ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت، مەملىكەت ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا چىقارغان ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئاتتى. قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشى، جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇش – تىزگىنلەش، ئاممىۋى خىزمەتتىكى ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ›› ۋە چېگرانى باشقۇرۇش – كونترول قىلىشتىكى ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختا سېلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى پۇختىلىدى.

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، بەس – بەستە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى قاتتىق ئەيىبلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشى ئۈستىدىن غەزەپ بىلەن شىكايەت قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە قۇدرەتلىك ھەققانىي سادانى ياڭراتتى. ھەر مىللەت، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ يېتەكلىشى ۋە چاقىرىقى ئاستىدا، تېخىمۇ كۆپ كىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى؛ تېخىمۇ كۆپ كىشى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل بۇلغىمىلىرىنى يوقاتمىغاندا ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوقۇم ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئەمىن تاپمايدىغانلىقىنى، تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت بولمايدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى؛ تېخىمۇ كۆپ كىشى ھەر بىرىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى خۇددى ئۆز ئانىمىزنى سۆيگەندەك سۆيۈپ، قەتئىي ئىرادىلىك ۋەتەنپەرۋەرلەردىن بولۇپ، ئۇلۇغ پارتىيەمىزگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.

    شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش دەۋرنىڭ چاقىرىقى، شۇنداقلا مۇقەددەس بۇرچىمىز. ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – قۇدرەتلىك، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى