ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماندىلا خەلقئارا كۈنىنى خاتىرىلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 20- كۈنى 03:01   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    71- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى 18-ئىيۇل نارسۇن. ماندىلا خەلقئارا كۈنىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى تامسىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن خىزمەتچى خادىملىرى يەنە شۇ كۈنى پىدايە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بۇ كۈننى خاتىرىلىدى.

    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترىس يىغىندا مۇنداق دېدى: ماندىلاغا ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل سۆز ياكى مۇراسىم بولماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت. بۈگۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماندىلا فوندى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ مەھلە رايونلاردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيادىكى خىزمەتچىلەر بىلەن پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، تېخىمۇ تىنچ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە باراۋەر بولغان دۇنيانى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى