ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

فىلىپپىن زۇڭتۇڭى جەنۇبى قىسىمدىكى جىددىي ھالەت بۇيرۇقىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 20- كۈنى 02:59   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    فىلىپپىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئابىرا 18-ئىيۇل مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ دۇتىرىت جەنۇبىي قىسىمدىكى مىنداناۋ ئارىلى قاتارلىق جايلاردىكى قوراللىق توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، بۇ رايوندىكى جىددىي ھالەت بۇيرۇقىنى يىل ئاخىرغىچە ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلدى.

    ئۇ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇتىرىت 17-ئىيۇل كەچتە پارلامېنتقا خەت سۇنۇپ، پارلامېنتىنىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى جىددىي ھالەتنى 31-دېكابىرغىچە ئۇزارتىشنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلدى. دۇتىرىت پارلامېنتىنى جىددىي ھالەت بۇيرۇقىنىڭ ئاخىرىقى كۈنى يەنى 22-ئىيۇل ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، جىددىي ھالەت بۇيرۇقىنى ئۇزارتىشقا قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقنى ئويلىشىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

    فىلىپپىن قوراللىق قىسمىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى ئانو تۈنۈگۈن: نۆۋەتتە مالاۋى ئۇرۇشى تېخى ئاياقلاشمىدى، ئەگەر جىددىي ھالەت بۇيرۇقى 5 ئاي ئۇزارتىلسا، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يېتىدۇ، دېدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى