ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

«ئۈچ خىل كۈچ»نى قەتئىي يوقىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى چىڭ قوغدايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 18- كۈنى 09:26   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان مەمەت

    شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتۈپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، چوڭقۇر ھەم قويۇق دوستلۇق ئورناتقان.

    «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، «مىللەت»، «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي مەنپەئەتنى قوغدىغۇچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، سەپسەتىلەرنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئاممىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىشقا ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نى يوقاتمىغىچە، شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلمەيدۇ.

    ھازىرغىچە بەزىلەر يەنىلا ھوشىنى يىغماي، ئويغانماي، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سىياسىي مەيدان جەھەتتە، ئىدىيەدە تەۋرەنمەكتە، پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولماقتا. بەزى پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ۋە پارتىيە مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ تۇرۇپ، ئازراقمۇ مىننەتدارلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىدا بولماي، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ جارچىسى بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى ماكان ۋە تۇپراق بىلەن تەمىنلىدى؛ بەزى پارتىيەلىك كادىرلار دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇپ، ئاغزىدا «بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرىمەن» دەپ توۋلىغىنى بىلەن، ئىدىيە جەھەتتىن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە مايىللاشتى، ئۇنى قۇۋۋەتلىدى، ماھىيەتتە قوللىدى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا دىنىي تەلۋىلىككە تۈرتكە بولۇپ، بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىك قىلمىشى بىلەن شۇغۇللاندى؛ بەزى پارتىيەلىك كادىرلار ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەپ، ئاممىۋى سورۇندا سۆزلىگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلغىنى بىردەك بولمىدى، ھەممە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ھېسسىياتىغا ئارازىچىلىق سېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلدى؛ بەزى دىنىي زاتلار قارىماققا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىپ، دىننى دۆلەتتىن، قانۇندىن چوڭ بىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئالدىدا بىر خىل، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئالدىدا يەنە بىر خىل سۆزلىدى، مەسچىتتە بىر خىل، مەسچىت سىرتىدا يەنە بىر خىل سۆزلىدى، ھەتتا قۇۋلۇق- شۇملۇق قىلىپ، تەپ تارتماي دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئالدىدى ۋە ئازدۇردى. بۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئىدىيەسى ئەكسىيەتچىل، نىيىتى زەھەرلىك، ئۇلار ئىغۋاگەرچىلىك، قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشى رەزىل، ئۇلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق كۈچ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر دۆلەتتىن مائاش ئېلىپ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە پېشكا بولماقتا، ئۇلار زوراۋان- تېررورچىلاردىنمۇ خەتەرلىك، قەبىھ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مۇناپىقلار ۋە تارىخ ئالدىدىكى جىنايەتچىلەردۇر. ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان، ئەخلاق- پەزىلەتلىك ھەرقانداق ئادەم بۇ ئىشلارنى كۆرمەسكە سالماسلىقى، كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىشى، يۈرەكلىك رەددىيە بېرىشى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشى، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ئەھۋالغا قويۇپ، ياشايدىغان ماكان ۋە تۇپراق قالدۇرماسلىقى، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىشى كېرەك.

    بىز شىنجاڭنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە مۇشۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاۋاتقان خوجايىنلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى باش نىشانغا يېتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز، ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆتۈشىمىز، ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق سورۇندا، ھەرقانداق ۋاقىتتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدىشىمىز، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- قۇدرەتلىك، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك.

    ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشىمىز، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىرادىسىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى