ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 18- كۈنى 09:17   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ۋالىي مەمەت ساۋۇت

    كونىلاردا ئالۋاستى پەرىشتە قىياپىتىدە پەيدا بولىدۇ، دېگەن گەپ بار. چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاشتىن ئىبارەت جىنايى غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى نادانلىققا، قالاقلىققا ۋە زۇلمەتكە باشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم››گە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ‹‹پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم››دىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقىتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تازىلاپ تۈگىتىشىمىز كېرەك.

    ئۇيغۇر قېرىنداشلار بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، ھالقىلىق پەيتتە يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى كېرەك. بىز ‹‹پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى نەزەرىيە ئاساسى قىلغان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ‹‹پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، پۈتۈن ھېسسىياتىمىز، پۈتۈن نىيىتىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاممىغا، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ياشلارغا نادانلىقتىن، ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز ۋە شۇ بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

    ئۇيغۇر قېرىنداشلار بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، ‹‹بەشنى تونۇش››نى، بولۇپمۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇيغۇر قېرىنداشلار ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىزنى كۈچەيتىپ، مۈجمەل قاراشلار، ساختىپەزلىك قىلمىشى، خۇپىيانە ئىش قىلىش پىكىر ئېقىمى، كىشىنى ئازدۇرىدىغان گەپ – سۆزلەردىن قاتتىق ھوشيار بولۇپ، ئۇنى قەتئىي تۈزىتىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ‹‹پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىدىن ساقلاپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىمىز ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

    ھەر مىللەت دوستلار، ھەممەيلەن قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ‹‹پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىدىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقايلى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى