ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 18- كۈنى 09:16   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ۋاڭ لېي

    ئىنسانىي ھوقۇق پۇقرالارنىڭ ئەركىن، باراۋەر ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىدۇر، ئۇ پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىش، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى›› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، قايىل قىلارلىق پاكىتلار بىلەن شۇنى ئىسپاتلىدىكى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ دېموكراتىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش سىياسىي ھوقۇقى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىندى.

    مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇلدى

    مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى ئاساس قىلىپ تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇپ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن خەلق ھۆكۈمىتى ھەم مىللىي ئاپتونومىيەلىك جاينىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ھەم بىر دەرىجىلىك يەرلىك دۆلەت ئورگىنى. ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام چىقىرىش ئورگىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، ئادەتتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم ئۆز رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يەرلىك قائىدە – نىزامدىن 372 نى تۈزۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈچكە ئىگە يەرلىك قائىدە – نىزامدىن 153ى، قائىدە – نىزام خاراكتېرلىك قارار، بېكىتمىدىن 52 سى بار، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەر تەستىقلاشقا سۇنغان يەككە نىزام ۋە يەرلىك قائىدە – نىزامدىن 113 نى تەستىقلىدى. شىنجاڭنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تارىخى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي چىڭ تۇرغاندىلا، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى

    سايلاش ھوقۇقى پۇقرالارنىڭ دۆلەتنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە باشقا ھۆكۈمەت خادىملىرىنى سايلاش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. سايلىنىش ھوقۇقى بولسا پۇقرالارنىڭ دۆلەتنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنىنىڭ ۋەكىللىكى ياكى باشقا ھۆكۈمەت خادىملىقىغا سايلىنىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك ھوقۇقى ئاساسلىقى سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹ئاساسىي قانۇن››نىڭ 34 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشى 18گە توشقان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال – مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە››. 59 – ماددىسىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ‹‹ھەممە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك›› دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى››دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: (1) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى جەھەتتە، ئاپتونوم رايون، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ئۆلكىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن ۋەكىللەر سانىنى يەنە %5 كۆپەيتىشكە بولىدۇ. توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ياكى ئاھالە تارقاق ئولتۇراقلاشقان ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، يېزا، مىللىي يېزىدا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن ۋەكىللەر سانىنى يەنە %5 كۆپەيتىشكە بولىدۇ. (2) پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاھالە سانى ۋە جايلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سايلاپ چىقىشىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. يۇقىرىقى قانۇنلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەنلىكتىن، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىلىنىڭ سانى 60، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى 38 بولۇپ، %63.33نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جەمئىي 550، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى 363 بولۇپ، %66نى ئىگىلەيدۇ.

    سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەڭ ئورتاق تونۇش تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈلدى

    كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە. خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى تەرەپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق توغرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش جەريانىدا كەڭ دائىرىدە كېڭىشىپ، تىرىشىپ ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم دېموكراتىيە شەكلى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جانلىق، تىنچ ۋە ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شىنجاڭدا كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلىرى كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە تۈزۈم رامكىسىدا كېڭىشىشنىڭ شەكلىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، كېڭىشىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، كېڭىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا جەلپ قىلىپ، كەڭ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق، دائىملاشقان كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن تەكلىپ سۇنۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى پائال ئىنكاس قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېموكراتىك نازارەت قىلدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزادىن 31ى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئەزا 18 بولۇپ، %58.1نى ئىگىلەيدۇ. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 479 ئەزاسى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئەزا 228 بولۇپ، %47.6نى ئىگىلەيدۇ. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى بۇ يىل 3 – ئايغىچە سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 4920 پارچە تەكلىپ سۇندى.

    شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقى قانۇن ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ئالاھىدە كاپالىتىگە ئېرىشتى

    دۆلەت ئالاھىدە سىياسەت ۋە تۈزۈم تۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك دېموكراتىيە ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى››دا: مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ياكى مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقراسى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جاينىڭ رەئىسى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىمى ياكى خوشۇن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقراسى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

    شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى)شىنجاڭدا بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە تەسىس قىلىنغان، ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز رايونىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز جايى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىمى، شۇنداقلا مۇناسىپ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقراسى ئۈستىگە ئالدى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشىلىك ۋەزىپىسىنىمۇ تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقراسى ئۈستىگە ئالدى. شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىغا بەلگىلىك ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى سەپلەنگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاز سانلىق مىللەت مەمۇرلىرى 2016 – يىلى 91 مىڭ 76گە يېتىپ، كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ % 40.24ىنى ئىگىلىدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئايال كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %66 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئۇلار ھەر قايسى ساھەلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

    شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

    ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسى خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى بىۋاسىتە يۈرگۈزىدىغان، قانۇن بويىچە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان، ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاساسلىق شەكىل. ھازىر شىنجاڭدا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك ئاپتونومىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ھەر مىللەت ئامما شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىدا دېموكراتىك سايلاش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە بىۋاسىتە يۈرگۈزۈپ، ئۆزى تەۋە بولغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ جامائەت ئىشلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىدا دېموكراتىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويدى، ئۇ بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ كەڭ، ئەڭ جانلىق دېموكراتىيە ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىي قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش چارىسى›› تۈزىتىلىپ يولغا قويۇلدى، ‹‹مەھەللە خىزمىتىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› ۋە ‹‹يېزا – بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› تۈزۈلدى. ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، دېموكراتىك سايلاش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش ۋە ئىشلارنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىمۇ كۈنسايىن ياخشىلاندى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي ھوقۇقى كەڭلىك ۋە چوڭقۇر جەھەتتە ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى مۇقەررەر ھالدا دۇنيادا رەڭگارەڭ، گۈزەل سەھىپىنى نامايان قىلىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى