ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

ئىسلاھات كۈيلىنىپ، دەۋر مەدھىيەلەندى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 18- كۈنى 09:15   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ‹‹ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى››ناملىق ئون قىسىملىق چوڭ تىپتىكى سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمىنىڭ كۆرسىتىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھە ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

    گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ‹‹ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى›› ناملىق ئون قىسىملىق چوڭ تىپتىكى سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمىنىڭ 1 – قىسمى ‹‹دەۋرنىڭ سوئالى›› 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى كۆرسىتىلدى. بۇ قىسىمدا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق كۆرۈش دائىرىسى چىقىش قىلىنىپ، تارىخ، ھازىرقى زامان ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت زامان – ماكان كوردىناتىدىن ھالقىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى زىچ چۆرىدىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بەلگىلەش جەريانى بايان قىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ‹‹نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتىش››، ‹‹قايسى تەرەپكە ئۆزگەرتىش››، ‹‹كىم ئۈچۈن ئۆزگەرتىش››، ‹‹قانداق ئۆزگەرتىش››، ‹‹ئۆزگەرتىشنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيەۋى مەسىلىلەر سىستېمىلىق شەرھلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ‹‹رامكا››لىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە مۇھىم ساھە ئىسلاھاتىنىڭ رامكىسى سىزىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى يىغىنچاقلىنىپ ۋە يەكۈنلىنىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئىسلاھات مۇساپىسىنىڭ خەلققە ئېلىپ كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى جانلىق بايان قىلىندى.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مەخسۇس فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن روھلاندى، ئىنكاسىمۇ كۈچلۈك بولدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: مەخسۇس فىلىمدە ئىسلاھات كۈيلىنىپ، دەۋر مەدھىيەلەنگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جەسۇرانە ئېلىشىپ ئىلگىرىلىگەنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىلگىرىلىگەن قەتئىي ئېتىقادى ۋە كۈرەش ئىرادىسى جانلىق نامايان قىلىنغان. بىز بۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز.

    باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش

    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى خۇڭبىن فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەخسۇس فىلىمدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسى، غايەت زور جاسارىتى ۋە يۈكسەك ئەقىل – پاراسىتى نامايان قىلىنىپتۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش تۈرى قۇرۇلۇشىدا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر. قاتناش نازارىتى پارتكومى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، كەسىپ ئىچىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، قاتناش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، يول تىرانسپورتى، يول مەمۇرىيىتى(سۇ ئىشلىرى) قاتارلىق ساھەلەرگە نۇقتىلىق كۈچەيدۇ.

    ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى جاۋ گې مۇنداق دېدى: مەخسۇس فىلىمنىڭ تەپسىلاتى تولۇق بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى تەسۋىرلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى ۋە سىرتقا كېڭەيتىش قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيەۋى مەسىلىلەر شەرھلىنىپتۇ، مەزمۇنى چوڭقۇر ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە بىر قاتار مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تۈزدى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش››، فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تورلاشتۇرۇش، خەۋپ – خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس خۇ خەنمىن ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس فىلىمنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەخسۇس فىلىمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىنىپتۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، قىيىن باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئوتتۇرا قاراجۇل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى››دىكىلەرنى تەشكىللەپ، بىرلىكتە ‹‹ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى›› ناملىق فىلىمنىڭ 1 – قىسمىنى كۆردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى جەي شاۋيۇڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەيمىز. بىرىنچى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە ياخشى ئىشلەيمىز؛ ئىككىنچى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ياش، ئوتتۇرا ياش ئەمگەكچىلەرنى ئۆيىدىن چىقىپ، خىزمەت ئەترىتى تونۇشتۇرغان ئىشلارنى قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىمىز؛ ئۈچىنچى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس›› تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى بايقاپ، تەربىيەلەپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، چاقىرىش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىمىز؛ تۆتىنچى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ ئىقتىسادىنى كۆپەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمىز.

    يەڭنى تۈرۈپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، ئىسلاھات ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت، دوكتور جۇ شيەنچېن مەخسۇس فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، قورقماس جاسارىتى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى ۋە غەيرەت – شىجائىتى بىلەن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىسلاھاتنىڭ قىيىن باسقۇچىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كەسكىنلىك بىلەن ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ ۋە ئەتراپلىق، تولۇق تەپەككۇر قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ تاكامۇللاشقان بۈيۈك تەپەككۇرى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ناھايىتى ئەتراپلىق سۈرەتلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى.

    مەخسۇس فىلىمنىڭ 1 – قىسمى ‹‹دەۋرنىڭ سوئالى››دا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئۇلۇغۋار ئىسلاھات مۇساپىسىنىڭ خەلققە ئېلىپ كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى جانلىق تەسۋىرلەنگەن، قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چياڭنىڭ بۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دادىللىق بىلەن جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قازىنالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس بىر تۈركۈم كادىرلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدۇق.

    ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنخۇا مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى، غەيرىتى تېخىمۇ ئۆستى. بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ، پۇقرالارنى ئىسلاھاتنى تېخىمۇ ھىمايە قىلىدىغان، ئىسلاھاتقا پائال قاتنىشىدىغان قىلىپ، ياخشى ئىشنى ياخشى بېجىرىپ، ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىي بېجىردۇق.

    باي ناھىيەسى باي بازىرى كىندىكدۆڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۈمە تۇنىياز مۇنداق دېدى: ‹‹ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى›› ناملىق فىلىمنىڭ 1 – قىسمىنى كۆرۈپلا ناھايىتى ياقتۇردۇم، مەن يېڭى دەۋردە ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم، ياش ۋاقىتلىرىمدا ئىسلاھاتنىڭ باھار شامىلىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپتىم. يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئويلىغانلىرىم ۋە تەپەككۇرۇمنى يۇرتداشلار ئالقىشلىدى، كۆپچىلىك مېنى يول باشلىغۇچىلىققا سايلىدى، ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى ھاللىق سەۋىيەگە يېتەكلەۋاتىمەن.

    (مۇخبىرلىرىمىز شى شىن، ليۇ چيەنشېڭ، لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي، مېھرىگۈل ناسىر، گاۋ ۋا، چاۋ جىن، جاۋ چۈنخۇا، لى خەنجى، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋۇ يامېي، لى كۇنپېڭ، ۋۇ جۇڭمېي، مەن دېلې)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى