ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 18- كۈنى 09:13   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 17-ئىيۇل ئېچىلغان 2017-يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان بولۇپ، بۇ يىل شىنجاڭ داۋاملىق 3300 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ساقلىغان، ئۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكتىن 3000 ئوقۇغۇچى، بىڭتۈەندىن 300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

    بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار سانى %60.6 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %15.2 ئاشقان؛ قوبۇل قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ %90.7 ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %7.3 ئاشقان؛ دېھقان، چارۋىچى نوپۇسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئومۇمىي ساننىڭ %88.5 ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا % 5.9 ئاشقان.

    بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تۇنجى قېتىم ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى ئاچقان 28 مەكتەپتىن 20 نەپەر تەشۋىقاتچىنى تەكلىپ قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاستتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش لېكسىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىچكىردىكى شىنجاڭ كەسپىي سىنىپلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ يىل ئىچكىردىكى شىنجاڭ كەسپىي سىنىپلىرىغا 15 مىڭ 658 نەپەر ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 1085 ى كۆپ بولغان.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى