ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاۋغۇستتىن باشلاپ قارامايدىن نەنجىڭ، باڭكوكقا بىۋاستە ئۇچقىلى بولىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 18- كۈنى 09:12   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، شېنجېن ئاۋىياتسىيەسى قاراماي-يۈنچېڭ-نەنجىڭ ۋە قاراماي-يۈنچېڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن.

    مۇخبىرنىڭ 12-ئىيۇل شېنجېن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، قاراماي-يۈنچېڭ-نەنجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئايروپىلان قاتنايدىكەن، قاراماي-يۈنچېڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بوئىن 738 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قارامايدىكى تۇنجى سەنشى يۈنچېڭغا تۇتىشىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، شۇنداقلا قاراماي بىلەن چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ئارىسىدىكى 2-بىۋاستە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى