ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

2017–يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 18- كۈنى 09:11   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    تاڭ كەندۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹ئات ۋە دۇنيا›› باش تېما قىلىنغان 2017 – يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت رايونىدا داغدۇغىلىق باشلاندى.

    باشلىنىش مۇراسىمىدا كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ‹‹تۈمەنلىگەن ئات بەيگىگە چۈشۈش›› ناملىق ئويۇن ئوينالدى، چوڭ تىپتىكى ‹‹ئات ۋە دۇنيا›› تېمىسىدىكى كۆپ مەنبەلىك مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى ئويۇنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى، قايناق ھېسسىياتقا تولغان چوڭ تىپتىكى يايلاق مەدەنىيەت – سەنئەت ئويۇنى ۋە چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

    بۇ قېتىمقى ساياھەت بايرىمى مۇسابىقە پائالىيىتى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئالاقە ئالماشتۇرۇشى، مەدەنىيەت، ئىقتىساد – سودا، ئومۇمىي خەلق ئىشتىراك قىلىش، تۇلپار مەدەنىيەت رايونى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىشتىن ئىبارەت يەتتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە 2017 – يىللىق مەملىكەتلىك چەۋەندازلىق چىدام سەييارە مۇسابىقىسى (موڭغۇلكۈرە بېكىتى)، جۇڭگو بەيگە مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى(موڭغۇلكۈرە بېكىتى)، يىپەك يولى لوڭقىسى بەيگە مۇسابىقىسى، 2017 – يىللىق ‹‹تەڭرىتاغ ئاتچىلىق ھەققىدە مۇھاكىمە›› باشلىقلار مۇنبىرى ھەم جۇڭگو تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو – ئاسىيا ئاتچىلىق مۇنبىرى›› ۋە ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك يەرمەنكىسى قاتارلىق 25 يۈرۈش پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى