ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تىل ۋە ئەدەبىيات

مۇھەررىر خەۋەر–ماقالىلەرنى تەھرىرلىگەندە، «توغرىلاپ ئىزىغا سېلىش»قا ماھىر بولۇشى كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 18- كۈنى 09:09   |    ئاپتور : نۇرئەخمەت نۇرامبەگ  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    گېزىتكە بېرىلگەن خەۋەر-ماقالىلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىر تەرەپتىن مۇخبىر، ئىختىيارىي مۇخبىر، تەرجىمانلارنىڭ ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «نامسىز قەھرىمان» دەپ ئاتالغان مۇھەررىرنىڭ تەھرىرلىك ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. گېزىت مۇھەررىرلىرى مۇخبىر، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يازغان خەۋەر–ماقالىلەر بىلەن تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان ماقالىلەرنى يۈكسەك سىياسىي ۋە كەسپىي مەسئۇلىيەتچانلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەھرىرلىمىگەندە، يېنىك بولغاندا بەزى كىچىك سەۋەنلىكلەر كۆرۈلۈپ، گېزىت سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزسە، بەزىدە چوڭ خاتالىق پەيدا قىلىپ، گېزىتنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مۇخبىر، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يازغان خەۋەر، ماقالىلەر بىلەن تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان ماقالىلەر ئۈستىدە ئىلمىي پىكىر، نەزەرىيەۋى تەھلىل يۈرگۈزۈش بىلەن بىللە مۇھەرىرلەر ئۈچۈنمۇ بەزى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈر. مەن بۇ ماقالىدە نۇقتىلىق قىلىپ گېزىت مۇھەررىرلىرىنىڭ خەۋەر–ماقالە تەھرىرلەشتە «توغرىلاپ ئىزىغا سېلىش»قا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

    بىرىنچى، خەۋەر-ماقالىلەردىكى ئارتۇق سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، جۈملىنى «توغرىلاپ ئىزىغا سېلىش» كېرەك.

    بىز مۇخبىر، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يازغان ياكى تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان بەزى ماقالىلەرگە قارىساق: «زۆرۈر بولمىغان ئىسراپچىلىق»، «تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھادىسىسى»، «مەقسەت بولسا...»، «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش»، «پايدىلىق تۆھپە قوشتى»، «كەڭ ياشلار»، «ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلدى»، «پۈتۈن شەھەردىكى» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچرىتىمىز. ئەمەلىي خىزمەتتە بەزى مۇخبىر، تەرجىمانلار سۆزلەرنى يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرۈلگەندەك ئالىدۇ ھەم شۇنداق تەرجىمە قىلىدۇ. بەزى تاراتقۇلاردىمۇ شۇنداق ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. لېكىن، بۇ سۆزلەر مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، مۇشۇ بويىچە كېتىۋەرسە بولمايدۇ. مۇھەررىر بۇنىڭغا ئوخشاش ئارتۇقچە سۆز ئىشلىتىلگەن جۈملىلەرنى كۆرگەندە چوقۇم شۇ سۆزگە «يۈگەن» سېلىپ، «تىزگىن»نى تارتىش كېرەك. يەنى يۇقىرىقى سۆزلەرنى «ئىسراپچىلىق»، «ئاپتوموبىل ھادىسىسى»، «ئەمگەكچى يۆتكەش»، «تۆھپە قوشۇش»، «ياشلار»، «تېز تەرەققىي قىلدى»، «شەھەردىكى» دەپ سۆزنى قىسقا، مېغىزلىق قىلىپ ئېلىپ، شۇ سۆزنىڭ خەۋەر–ماقالىدىكى ئورنىنى ئىزىغا سېلىش كېرەك. بىز گېزىتخانىلاردا پىشقان پېشقەدەم مۇھەررىر، تەرجىمانلارنىڭ ياش مۇخبىر، مۇھەررىر، تەرجىمانلارغا «سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىپ، ئاندىن جۈملىگە ئىشلەڭ» دېگەن سۆزىنى كۆپ ئاڭلايمىز. بۇ مېنىڭچە ئاۋۋال سۆزنى چۈشىنىپ، ئاندىن جۈملىگە ئىشلەش كېرەك، دېگەننى بىلدۈرسە كېرەك. چۈنكى سۆز جۈملىنىڭ ئاساسى، جۈملىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەزا ساغلام بولمىسا، جۈملە ساغلام بولمايدۇ، دېگەن گەپ.

    ئىككىنچى، ئارتۇق جۈملە، ئابزاسلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، خەۋەر–ماقالىدە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسەتنى «توغرىلاپ ئىزىغا سېلىش» كېرەك.

    بەزى مۇخبىرلار ئوقۇرمەنلەر چۈشىنەلمەي قالامدىكىن دەپ، يازغان خەۋىرىدە شەيئىنى چۈشەندۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوقۇرمەنلەر بىلمەيدىغان بەزى ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ يېزىش ئەلۋەتتە بەزىدە زۆرۈر. ئەمما كىشىلەر بىلىدىغان نەرسىلەرنى خەۋەردە چۈشەندۈرۈپ يېزىش ئارتۇقچە. شۇڭا خەۋەر–ماقالىلەردە شەيئى چۈشەندۈرۈپ يېزىلغان ئارتۇقچە جۈملە، ئابزاسلارنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. مەسلەن:«بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن جايلار كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور دەرىجىدە تەڭشىدى، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى چاپچال ناھىيە جاغىستاي يېزىسى، غۇلجا ناھىيە يېڭىتام يېزىسى تۆگىقۇش، نىلقا ناھىيە ئۇلاستاي يېزىسى تۆگىقوي كىرگۈزۈپ باقتى». ئەينى ۋاقىتتا ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار ئۈچۈن بۇ يېڭى ئىش ئىدى. شۇڭا، مەن بۇ جايلارنىڭ تۆگىقۇش، تۆگىقوي باققانلىقى توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىم يېزىلغان خەۋەرنى تەھرىرلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى قىسقارتماي بەرگەن ئىدىم، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە(شەھەر)لەردە تۆگىقۇش بىلەن تۆگىقوي باقىدىغانلار كۆپەيدى. لېكىن بەزى مۇخبىرلار كېيىن يازغان خەۋەرلىرىدە يەنىلا خېلى كۆپ سەھىپە ئاجرىتىپ، تۆگىقۇش ۋە تۆگىقوينى تونۇشتۇردى. لېكىن مەن بۇ خەۋەرلەرنى تەھرىرلىگەندە بۇ ئابزاسنى چىقىرىۋەتتىم. مەلۇم بىر مۇخبىر«سەۋزە ماكانى»، «تاتلىق بەرەڭگە ماكانى» دەپ نام ئالغان قورغاس ناھىيە كۈرە بازىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ، سەۋزە، بەرەڭگىنى كۆپ تېرىغانلىقى توغرىسىدا يازغان خەۋىرىدە، سەۋزىنىڭ رولىنى چۈشەندۈرۈپ:«سەۋزە تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. خەلق تۇرمۇشى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تاشقى سودىدا گۆھەر ھېسابلىنىدۇ، دەپ يازغان. بۇ جۈملە ھەقىقەتەن ئارتۇقچە ئىدى. چۈنكى سەۋزىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋزە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك تونۇشلۇق، شۇڭا خەۋەردە بۇنداق چۈشەنچە بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

    ئۈچىنچى، تولۇقلاش ئارقىلىق خەۋەر–ماقالىنى «توغرىلاپ ئىزىغا سېلىش»قا ماھىر بولۇش كېرەك. مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا ماتېرىيال كەمچىل بولۇش، ۋاقىت قىس بولۇش سەۋەبىدىن زۆرۈر بولغان بەزى ماتېرىياللارغا ئېرىشەلمەي قالىدۇ. ئەمما مۇھەررىر بۆلۈمدە خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ماتېرىياللارغا ئېرىشىشى بىر قەدەر ئاسان. شۇڭا، مۇھەررىرلەرنىڭ مۇخبىر يازغان خەۋەر-ماقالىدىكى كەم قالغان يەرلەرنى تولۇقلىشى نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئىشقا نۇرغۇن مۇھەررىرلەر ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئانچە باش قاتۇرۇپ كەتمەيدۇ.

    2014 -يىلى 1–ئاينىڭ 25–كۈنىدىكى «ئىلى گېزىتى»(ئۇيغۇچە)نىڭ «گۈلىستان» بېتىگە «كۆكدالادىكى ئۈزۈلمەس كۈيلەر» دېگەن تېمىدا تەپسىلىي خەۋەر بېرىلدى، خەۋەر ئاز كەم بىر بەت بېرىلگەن بولۇپ، خېلى ياخشى يېزىلغان ئىدى. تەپسىلىي خەۋەردە بىڭتۇەن 4–شى «64»تۇەن-مەيدانى(كۆكدالا)دىكى مەۋلان روزىمەمەت بىلەن رەخمەتجان بەختىقاسىمنىڭ سەنئەت ھاياتى يېزىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا يەنە كۆكدالادا بارلىققا كەلگەن «دالا كېچىسى» دېگەن ناخشا تىلغا ئېلىنغان ئىدى. خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، 4–بەت گۇرۇپپىسىدىكى مۇھەررىرلەر مەسلىھەتلىشىپ، خەۋەرگە بەزى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى قوشۇپ، تېخىمۇ بېيىتىشقا كېلىشتۇق، ھەمدە خەنزۇچە «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 27–سانىغا بېرىلگەن كۆكدالا ھەققىدىكى بىر پارچە ماقالىنى تېپىپ، تەپسىلىي خەۋەرگە تۆۋەندىكى تارىخىي تەپسىلاتلارنى يەنى:«دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق سەنئەتكارى جاڭ جياچىن بۇنىڭدىن 56 يىل ئىلگىرى كۆكدالا يايلىقىغا كەلگەندە، دەل شۇ گۈزەل ئايدىڭ كېچىگە ‹ئېغىز تېگىش›كە مۇيەسسەر بولغانىدى، ئۇ ئۆمرىدە قايتا كۆرۈش نېسىپ بولمايدىغان بۇ ئايدىڭ كېچىدىن چەكسىز ئىلھام ئېلىپ، <يايلاق كېچىسى> ناملىق مەشھۇر ناخشا تېكىستىنى يازغانىدى»، «1958–يىلى تۆمۈر يول ئەسكەرلىرى قىسمىنىڭ قوماندانى، سىياسىي كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ جىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەت جۇڭگو ‹1–ئاۋغۇست› كىنو ئىستودىيەسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچىسى، رېژىسسور جاڭ جياچىن كۆكدالاغا كەلگەنىدى. ئەينى چاغدا جاڭ جياچىن بىلەن مۇزىكانت تيەن گېمۇ بىللە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار كۆكدالانى ئاتلىق ئايلىنىپ يۈرگەندە، بىر توپ ياشنىڭ ئايدىڭ كېچىدە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بەزمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار ياشلاردىن:«يولداشلار ياخشىمۇسىلەر! ئېيتىۋاتقىنىڭلار قانداق ناخشا؟» دەپ سورىغاندا، ياشلار «بىز ئەمگەك، مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىۋاتىمىز. بۈگۈن ۋە ئەتىكى گۈزەل تۇرمۇشنى كۈيلەۋاتىمىز...» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ گەپلەر جاڭ جياچىننى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردىلا قولىغا قەلەم ئېلىپ «يايلاق كېچىسى» دېگەن ناخشا تېكىستىنى يېزىپ چىقىدۇ. جاڭ جياچىن بىلەن بىللە يۈرگەن مۇزىكانت تيەن گې بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتمەيلا بۇ تېكىستكە مۇزىكا ئىشلەيدۇ. ئۇلار بېيجىڭغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى مېڭ گۈييىن بۇ ناخشىنى تۇنجى قېتىم ئېيتىپ شۆھرەت قازىنىدۇ. 1959–يىلى 8–ئاينىڭ ئاخىرىدا «كۆكدالا» دېگەن ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىنىدۇ. فىلىمدە كۆكدالادا ئاپىرىدە بولغان «يايلاق كېچىسى» دېگەن ناخشا يۇقىرى ماھارەتتە ئورۇندالغانىدى. بۇ فىلىم شۇ يىلى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىغا ئاتاپ بېيجىڭدا قويۇلۇپ ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.

    2009 - يىلى «<دالا كېچىسى> ناملىق بۇ مەشھۇر ناخشىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹كۆكدالا› دېگەن مەخسۇس فىلىمنى ئىشلەيدۇ. فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى بولغان <دالا كېچىسى>نى شياڭگاڭ، ئاۋمىن، سىنگاپور، مالايشيا قاتارلىق رايون، دۆلەتنىڭ 100 نەچچە داڭلىق ناخشىچىسى ئېيتىدۇ. بۇ ناخشا مەملىكىتىمىزدىكى ئون داڭلىق ناخشا قاتارىغا كىرىدۇ»، «ب د ت پەن–مائارىپ، ئىلىم–پەن تەشكىلاتى بۇ ناخشىنى ‹دۇنيادىكى داڭلىق شەرق سىمفونىيەسى› دەپ تەرىپلەيدۇ» دېگەن تەپسىلاتلارنى قوشۇپ، تەپسىلىي خەۋەرنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق. تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ۋە 16-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

    تۆتىنچى، «كېسەل سۆز»لەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، خەۋەر–ماقالىلەرنى «توغرىلاپ ئىزىغا سېلىش» كېرەك. گېزىتكە بېرىلگەن ماقالىلەرنىڭ سۆز–جۈملىلىرى ئاددىي، راۋان، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، توغرا، جانلىق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇخبىر، تەرجىمان، مۇھەررىرلەرنىڭ بىلىمى ئەتراپلىق، چوڭقۇر بولماسلىق، ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشقا سەل قاراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گېزىتكە بېرىلگەن خەۋەر–ماقالىلەردە «كېسەل سۆز»لەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئادەتتە خاتالىق سۆزدىن باشلىنىپ، بىر جۈملىنىڭ، ھەتتا بىر خەۋەر–ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسىغا، راۋانلىقىغا، جانلىق، توغرا ئىپادىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىكى «كېسەل سۆز»لەر ئىملاسى خاتا سۆز، مەنىسى خاتا ئېلىنىپ قالغان سۆز ۋە جايىدا قوللىنىلمىغان سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گېزىتكە بېرىلگەن خەۋەر–ماقالىلەردە دائىم دېگۈدەك «كېسەل سۆز»لەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. سۆز «كېسەل» بولسا خەۋەر-ماقالىلەردىكى ئۇقۇم ئېنىق بولمايدۇ، ئاددىي ساۋاتلار ئارىلىشىپ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. مەسلەن: بىز گېزىت–ژۇرناللارغا بېرىلىۋاتقان، رادىيودا ئاڭلىتىۋاتقان، تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىۋاتقان خەۋەر–ماقالىلارغا قارىساق، «كېسەل سۆز»، جۈملىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. مەسلەن: 紧紧围绕 دېگەن سۆز بىرىكمىسىنى ئالساق، كۆپىنچە ھاللاردا «زىچ چۆرىدەپ» دەپ ئۆلۈك تەرجىمە قىلىنىپ كەلمەكتە. ئالايلۇق:«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزى خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ»، «ھەر مىللەت خەلقى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ» دېگەندەك. مېنىڭچە «围绕»نى «چۆرىدەش» دەپ بىر قېلىپتا تەرجىمە قىلماي، جۈملىدىكى كېلىش ئورنىغا قاراپ، «...نى ئاساس قىلىش، ... نى مەركەز قىلىش، .... قا ياندىشىپ ياكى يانداشتۇرۇپ» دەپ تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «زىچ» دېگەن سۈپەت سۆزى بىلەن «چۆرىدەش» دېگەن پېئىلنى بىرىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە يېقىندىن چۆرىدەش كېرەك» دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ.

    出发 ۋە 出发点 دېگەن سۆزلەر خەتكە قاراپ «چىقىش قىلىش»، «چىقىش نۇقتىسى» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. يەنى «ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىش پىرىنسىپى»، «ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش» دېگەندەك. جانلىق تىلدا «چىقىش قىلماق» دېگەن سۆز كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا پۇل ياكى نەرسە-كېرەك چىقىرىپ، بىرەر ئىشنى ئورۇندىغانلىقى(تاماملىغانلىقى ياكى سېتىۋالغانلىقى)نى بىلدۈرىدۇ.

    出发 ۋە 出发点 نىڭ تىلىمىزدا «چىقىش قىلىش»، «چىقىش قىلىش نۇقتىسى» دەپ ئېلىنىشى تازا جايىغا چۈشمىگەن. ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتىدە出发 نىڭ ئىككىنچى مەنىسى سۈپىتىدە «مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلانغاندا ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا مەلۇم باشلانما ياكى ئاساس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ»، دەپ، 出发点گە كۆچمە مەنىدە «كۆزدە تۇتۇلغان ئەڭ ئاساسىي جاي، نىيەت، مەقسەت» دەپ تەبىر بېرىلگەن. مۇشۇنىڭغا قارىغاندا 出发 ۋە 出发点نىڭ تەرجىمىسىنى باشقىچە سۆز بىلەن ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. ئالايلۇق:“我们一切工作的出发点和落脚点”

    دېگەن جۈملىنى مىسال ئالساق، «خىزمىتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە نىشانى...» دەپ ئالساق ماھىيەتلىك مەنە توغرا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا «كېسەل سۆز»لەرگە ئائىت مىساللارنى كۆپ كەلتۈرۈش مۇمكىن.

    يۇقىرىقى مىساللاردىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇلارغا مەيلى مۇخبىر، تەرجىمان ياكى تەھرىر بولسۇن ياخشى كۆڭۈل بۆلمىگەن. بۇ يەردە مۇخبىر ياكى تەرجىمان ئاشۇنداق يازغان ياكى تەرجىمە قىلغان دېيىلسە، مۇھەرىر نېمە ئىش قىلىدىغان كىشى؟ دېگەن سوئالنى قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.

    ئۇنداقتا مۇھەررىر قانداق كىشى؟ ئۇ نېمە ئىشلارغا مەسئۇل؟ دېگەندە، مۇھەررىر ___ ئەسەرنى ئوقۇپ، سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ، ئېلان قىلىشقا بولىدىغان–بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان «سودىيە». ئەسەرلەرنى مەزمۇن جەھەتتىن تۈزىتىدىغان ، تولۇقلايدىغان، مەركىزىي پىكىرنى مۇجىمەللەشتۈرىدىغان ئابزاسلارنى ئېلىۋېتىدىغان، تىل قائىدىسىگە مۇخالىپ جۈملىلەرنى تۈزىتىدىغان، قوپال سۆزلەرنى سىلىقلايدىغان، قىسقىسى خام ئەسەرنى پىشۇرىدىغان، ناچار ئەسەرنى ياخشى ئەسەرگە ئايلاندۇرىدىغان ئۇستا. شۇڭا، مۇھەرىرنىڭ رولى چوڭ، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. مۇھەرىر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلغاندىلا، «كىشىلەرنىڭ مەنىۋى بېغىنى كۆكەرتەلەيدىغان ‹نامسىز قەھرىمان›» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ ئىش قىلغان بولىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى