ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تىل ۋە ئەدەبىيات

گېزىت مۇھەررىرلىرى بەت لايىھەلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى لازىم

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 18- كۈنى 09:08   |    ئاپتور : رەمزىيە ئەبەيدۇللا («شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدىن)  |   مەنبە : شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى

    ھازىر كۆپ قىسىم ئوقۇرمەن گېزىت - ژۇرناللارنى ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا ئوقۇماستىن، بىلىم ئېلىش، ئۇچۇر ئىگىلەشنى مەقسەت قىلىپ ئوقۇيدىغان بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر گېزىتتىكى خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىغا قىزىقىپ ئوقۇسا، بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر بەتلەرنىڭ لايىھەلىنىشى، ئىستونلارنىڭ سەنئەتلىك، ماۋزۇلارنىڭ يېقىشلىق، جەلپكار قويۇلغانلىقى، خەۋەر - ماقالىلەر مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئىملا ۋە لوگىكىلىق خاتالىقلارنىڭ بار - يوقلۇقىغىچە دىققەت قىلىپ ئوقۇيدىغان بولدى. يەنە بەزى ئوقۇرمەنلەر ئاشۇ خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ سەۋىيەسى، يېزىقچىلىق ماھارىتى ۋە مۇھەررىرلەرنىڭ تەھرىرلىك سەۋىيەسىگىچە باھا بېرىپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولدى. شۇڭا، مەسئۇلىيەتچان، تەلەپچان، ئوقۇرمەنلەر رازى بولغۇدەك مۇھەررىر بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

    1 . مۇھەررىرلەرنىڭ بەت لايىھەلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتى ئۆزگىچە بولۇشى لازىم. مۇھەررىرلەر بەت ئىشلەشتە قايسى خەۋەر ياكى ماقالىنى بېرىش، قايسى ئورۇنغا قايسى ماقالىنى بېرىش، ماۋزۇنى قانداق قويۇش، قانداق رەسىملەرنى قىستۇرۇشقىچە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

    بەت لايىھەلەش گېزىت - ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. گېزىتنىڭ بېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى سەرخىل بولۇپ، بەتلەر تېخنىكىلىق ئۆلچەم بىلەن ياسالسا، ئاشۇ بەتتىكى خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ ئوقۇشچانلىقى ئاشىدۇ. شۇ چاغدىلا ئوقۇرمەنلەر بىلەن گېزىت ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي باغلىنىش ھاسىل بولۇپ، گېزىتنىڭ سۈپىتى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. گېزىتنىڭ ئوقۇشچانلىقىنىڭ يۇقىرى بولۇش - بولماسلىقىدا گېزىتكە بېرىلىۋاتقان خەۋەر - ماقالىلەر مەزمۇنىنىڭ يېڭىلىقى بىلەن تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، يېقىشلىق، مەنتىقىلىقى، تەپەككۇرىنىڭ ئىزچىللىقى، ماۋزۇ بىلەن مەزمۇننىڭ زىچ باغلىنىشى، خەۋەرلەرنىڭ يېڭى، دەل ۋاقتىدا بېرىلگەنلىكى، ماقالىلەردە تەھلىل قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ رېئال مەسىلىلەرگە باغلىنىشلىق، ئەمەلىي بولغان - بولمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، مۇھەررىرلەر بەت ئىشلىگەندە شۇ بەتنى تولدۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلىمەستىن، بەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ھەربىر خەۋەر، ماقالىگە مەسئۇل بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى ۋە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بەت ئىشلىشى لازىم. ھازىر بىر قىسىم گېزىتلەرگە مۇشتەرى قوبۇل قىلىش قىيىن بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنى ئاشۇ گېزىتكە بېرىلگەن خەۋەر - ماقالىلەر مەزمۇنىنىڭ يېڭى بولماسلىقىدىن، مۇھەررىرلەرنىڭ خەۋەر - ماقالىلەرنى تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئېتىبار بەرمىگەنلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى يېڭى، ئۆزگىچە، قۇرۇلمىسىدا خاسلىق بولغاندىلا، ئوقۇرمەن بۇ گېزىتنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ ھەم تالىشىپ سېتىۋالىدۇ.

    2. مۇھەررىرلەر ئۇنىۋېرسال بىلىم ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. بىر پارچە گېزىتنىڭ سۈپەتلىك چىقىشى شۇ گېزىت مۇھەررىرلىرىدىن مول ئۇنىۋېرسال بىلىم تەلەپ قىلىدۇ. مۇھەررىرنىڭ بىلىم سەۋىيەسى يۇقىرى بولسا، ئاپتورلارنىڭ يازماقچى بولغان، ئەمما تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن مەزمۇنلىرىنىمۇ يورۇتۇپ، خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن تىلىغا ئىشلەپ، ماقالىلەرنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى بىلەن تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىدۇ. ئەكسىچە، مۇھەررىرلەرنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى تۆۋەن، يېزىقچىلىق سەۋىيەسى ئاجىز، مەسىلىلەرنى چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش، تەتبىقلاش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولسا، خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ ئەسلىي مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، مۇھىم تەپسىلات، دەلىللەرنى قىسقارتىۋېتىش، سۆز - جۈملىلەرنىڭ مەزمۇن پۈتۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتەك خاتالىقنى سادىر قىلىپ، گېزىتنىڭ ئوقۇشچانلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ۋاسىتىلىك سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.

    3. مۇھەررىرلەر ئۆز ئەتراپىغا قەلىمى كۈچلۈك، مەلۇم يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان مۇخبىر، ئاپتورلار قوشۇنىنى يىغىشى لازىم. بەتنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرىدىغىنى ئاشۇ بەتكە بېرىلىۋاتقان خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ قىممىتى. شۇڭا، مۇھەررىرلەر دائىم خەۋەر - ماقالە يېزىپ تۇرىدىغان مۇخبىر، ئاپتورلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيىتىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى بەتنىڭ لايىھەلىنىشى، گېزىتكە بېرىلگەن خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ جەمئىيەتتە قانداق تەسىر قوزغىغانلىقى ياكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەتنىڭ لايىھەلىنىشى، خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ بېرىلىشىگە قارىتا قانداق پىكىر - تەلەپلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ۋاقتى - ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇشى لازىم. مۇھەررىرلەر خەۋەر - ماقالىلەرنى تاللاشتا تەلەپچان، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، تاللىنىدىغان خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ يېڭى، شەكلىنىڭ ئۆزگىچە، ئوقۇرمەنلەرگە بېرىدىغان تەسىرىنىڭ ئىجابىي بولۇشىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى لازىم. مۇھەررىرلەر بەتلەرگە خەۋەر - ماقالىلەرنى تاللىغاندا خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى يېزىلغانلىرىنى تاللىشى، ھەربىر خەۋەر - ماقالىگە نىسبەتەن ئېھتىياتچان، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە تۇرۇپ بەت لايىھەلىشى، ئۆزى تەھرىرلىگەن خەۋەر - ماقالىلەردىكى ھەربىر سۆز - جۈملىگىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، قىسقارتىشقا تېگىشلىك سۆز - جۈملىلەرنى مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا مۇۋاپىق دەرىجىدە قىسقارتىشى لازىم.

    4. مۇھەررىرلەردە دەۋر ئېڭى، رىقابەت ئېڭى، ئۆزىنى چۈشىنىش ئېڭى بولۇشى لازىم. مۇھەررىرلەر دەۋرنى چۈشىنىشى، رىقابەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىشى، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشى، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارغا، بولۇپمۇ تەھرىرلىك ئىقتىدارى، سەۋىيەسى، بەت لايىھەلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ماھارىتى ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان مۇھەررىرلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئۇلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى، تەھرىرلىككە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى، ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆپرەك ئوقۇپ، ئۆزىدىكى يېتەرسىز، ئاجىز ھالقىلارنى دادىل تۈزىتىشى لازىم.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى