ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

شىنجاڭغا نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ياردەم بېرىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 12- كۈنى 03:48   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (3)

    مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن

    يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، 19 ئۆلكە، شەھەر ياردەمگە ئېرىشكەن جايلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ياردەم بېرىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپلىگەن كەنتلەرنىڭ ‹‹نامراتلىق قالپىقى››نى ئېلىپ تاشلاپ، كۆپلىگەن نامرات ئائىلىلەرنى بېيىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىرمۇ مىللەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمىدى، بىرمۇ نامرات ئائىلىنى قالدۇرۇپ قويمىدى.

    شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يول ئاچتى

    ‹‹ئېرىم ئىككىلىمىزنىڭ خىزمىتى بار، ئىككىمىز ئايدا 6000 يۈەن مائاش ئالىمىز، ھازىر پۇلىمىز بارغانسېرى كۆپىيىپ، تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ››، دېدى ئاتۇش شەھىرى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تېخنىكا يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ماكانلاشقان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ‹‹ئۈمىد›› كىيىم – كېچەك تىكىش زاۋۇتىنىڭ تىككۈچىلىك سېخىدا ئىشلەيدىغان جىرغالى 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى مۇخبىرغا.

    جىرغالى ئائىلىسىدىكىلەر ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى ئازاق كەنتىدىن بولۇپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. جياڭسۇ ئۆلكىسى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ زامانىۋى كەسىپ توپى ۋاسىتىسى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 387 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاتۇش ‹‹كۇنشەن›› كەسىپلەر رايونى، ئۇلۇغچات ‹‹چاڭجۇ›› سانائەت رايونى ۋە ئاقچى يېنىك سانائەت كەسىپلەر رايونى قۇرۇپ، 7 كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدە باغچە رايونى قۇردى، 40 نەچچە ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيى سېلىپ، ‹‹جۇڭشېڭ›› ئېنېرگىيەسى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور قاتارلىق بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ سانائەت رايونىغا كىرىپ ماكانلىشىشىغا، شۇنداقلا يەرلىكتىكى 6200دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

    گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى گۇاڭجۇ يېڭى شەھەر سودا شەھەرچىسى، پەيزاۋات سانائەت رايونى قاتارلىقلار 124 تۈردە 45 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ كىرگۈزۈپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جايدا 50 مىڭدىن كۆپرەك ئىش ئورنى ياراتتى، شىنجاڭ ئىچىدە 100 مىڭغا يېقىن كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ سىرتىدا 16 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

    ھازىر شىنجاڭ زېمىنىدا شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، زامانىۋى سانائەت رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جىرغالىغا ئوخشاش كۆپلىگەن دېھقان – چارۋىچىلار رەتلىك فورما كىيىپ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن خوشلىشىپ، زامانىۋى كەسپىي ئىشچىغا ئايلاندى. شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى شىنجاڭلىقلار ‹‹قان ھاسىل قىلىش›› دەپ ئاتىدى، باغچە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ياردەمگە ئېرىشكەن جايغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، بېيىش يولى ياساپ بەردى.

    تۈر ھەمكارلىقى ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

    غۇلجا ناھىيەسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسى تۆۋەنكى تۇرپانيۈزى كەنتىدىكى رەخىمجان جياڭسۇ ئۆلكىسى ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئۆگزىسى قىزىل كاھىش بىلەن يېپىلغان بۇ ئۆيلەرنىڭ سۇ، توك، ھاجەتخانىسى يۈرۈشلەشكەن، ئادەم بىلەن چارۋا ئايرىۋېتىلگەن، ‹‹ھازىر ياخشى ئۆيدە يېتىپ، يامغۇر ياغسىمۇ ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق››، دېدى ئۇ.

    ‹‹ماكانلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بېيىتىش مەسىلىسىنى ئويلىنىش كېرەك››، دېدى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ گوچياڭ.

    يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ شەھەر يېزىسى قاشئېرىق كەنتىدە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن قۇرۇلغان 57 يېڭى تىپتىكى زامانىۋى پارنىك ئارقا – ئارقىدىن قەد كۆتۈردى، ‹‹ماڭا قۇياش نۇرىلىق پارنىكتىن بىرى تەقسىم قىلىندى، يىلدا 25 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن. ھازىر ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئەتراپىمىزدىكى ئاممىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە بېيىشقا يۈرۈش قىلىۋاتىمىز››، دېدى كەنت ئاھالىسى ئابدۇساتتار سادىر.

    شاڭخەي شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۆت ناھىيەسىدە 22 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەينەك پارنىك، 30 مىڭ 400 كۆكتات پارنىكى ياسالدى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تۈرى مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ‹‹تۆۋەن سەۋىيەدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش›› ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

    ھازىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرىكى قاقاسلىقتا باشقىچە بىر خىل مەنزىرە بارلىققا كەلدى: ئاتۇش شەھىرىگە يېقىن قۇمساق كەنتىدىكى بىپايان چۆللۈكتە 5000 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى زامانىۋى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ، جياڭسۇ ئۆلكىسى تولۇق ياردەم بېرىپ قۇرغان ‹‹ئاتۇش – كۇنشەن چۆللۈكى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى›› بولۇپ، قۇرۇلغىنىغا سەككىز ئاي بولغان بولسىمۇ، قىسقىغىنا ۋاقىتتا بۇ پارنىكتا 2 مىليون تۈپتىن كۆپرەك تۈرلۈك كۆكتات مايسىسى ئۆستۈرۈلۈپ، 550 پارنىكنى ھۆددىگە ئالغان يەرلىكتىكى دېھقان – چارۋىچىغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى.

    نامراتلارنى يۆلەش بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى پەرزەنتلەرگە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

    جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ۋاڭ تۇڭلىن مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدىن بۇيان، كەسپىي ھەمكارلىق تۈرىدىن 52نى كىرگۈزۈپ، 10 مىليارد 200 مىليون يۈەننى نەقلەشتۈرۈپ، 12 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇنىڭ %80ى يەرلىكتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ‹‹10 مىليارد، 100 مىڭ›› (10مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش، 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش) چوڭ تۈرى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    بۇ بىر قانچە يىللىق شىنجاڭغا نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، ياردەمگە ئېرىشكەن جايلاردىكى كۆپلىگەن ئامما بىر ئۆيلۈك بىر ئائىلە سۈپىتىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىش شەكلىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلچەملەشكەن، تەشكىللىك، كارخانىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە يۈرۈش قىلدى.

    ‹‹سۈنئىي ھەمراھ زاۋۇتى›› دېھقانلارنى ئۆز يېرىدە پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى

    بۇ بىر قانچە كۈندە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يىتىملىقۇم يېزىسى يىتىملىقۇم كەنتىدىكى ھاۋاگۈل مەمەت ياڭاق چېقىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە نەچچە ئون يۇرتدىشى بىللە ئىشلەيدۇ، كۆپچىلىك ياڭاقنى ياڭاق چاققۇچ بىلەن چېقىپ، ئۇنىڭ مېغىزىنى سۈپىتىگە قاراپ دەسلەپكى قەدەمدە تۈرگە ئايرىيدۇ. مۇشۇ تۈردىكى خىزمەت بىلەن كوپىراتىپتا ئىشلەۋاتقان ھەربىر كىشى كۈنىگە 50 – 60 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ.

    بۇ يىلقى ياڭاق چېقىش مەنزىرىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بۇ يىل كىشىلەر ياڭاقلىرىنى ئۆيىدە چاقماستىن، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قورۇسىدا چاقتى، ھاۋاگۈل بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقانلاردىن يەنە شۇ كەنتتىكى 50چە ئايال ۋە ياشانغانلار بار ئىدى. ھويلىدا بىر توپ بالا ئويناۋاتاتتى، ھويلىدىكىلەر شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، كەيپىيات ئىللىقلىققا تولغانىدى.

    دەسلەپكى قەدەمدە تۈرگە ئايرىپ خىللانغان ياڭاق مېغىزى نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېمەكلىك، ئىچىملىك زاۋۇتىغا توشۇلۇپ، يەنىمۇ پىششىقلىنىدۇ، بۇ، يەرلىك كىرگۈزگەن ياڭاق سۈتى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدىغان شىركەت ئىدى.

    مەزكۇر يېمەكلىك، ئىچىملىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەن جيالياڭ مۇنداق دېدى: شىركەت ‹‹X+N+1›› كەسىپ ئەندىزىسىنى، يەنى بىر باشلامچى كارخانىنىڭ ئىنچىكە پىششىقلىشىغا تايىنىپ، مەخسۇس پىششىقلايدىغان بىر قانچە ‹‹سۈنئىي ھەمراھ زاۋۇتى›› قۇرۇش، ئاندىن يەنە كۆپرەك يېزا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەسىس قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاش ئەندىزىسىنى ئورناتتى.

    ‹‹بۇ يىل شىركەت يېڭىدىن سەككىز سۈنئىي ھەمراھ زاۋۇتى قۇرۇپ، يەرلىكتىن 600دەك ئەمگەكچىنى قوبۇل قىلىشنى مۆلچەرلىدى››، دېدى ئەن جيالياڭ.

    شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرى بۇنىڭدا ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەزكۇر يېمەكلىك، ئىچىملىك كارخانىسىنى كېپىللىك قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى پائال قوللاپلا قالماي، يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، زاۋۇت ئورنى تەسىس قىلىپ، ‹‹ياڭاق چېقىش نۇقتىلىرى››نىڭ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇپ شەكىللىنىشىگە ياردەم بەردى ھەم بەزى يېزا – بازاردا ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيى سېلىشقا مەبلەغ ئاجرىتىپ، كەلگۈسىدە ياڭاقنى مەخسۇس پىششىقلاش ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزۈشكە ئاساس سالدى.

    كەنت ئاھالىسى مائاش كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى، بۇ، شىنجاڭغا نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ياردەم بېرىش يەرلىكتە پەيدا قىلغان ئەڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش.

    تيەنجىن شەھىرى خوتەندە ‹‹مېۋە – چىۋە، كۆكتات ئارقىلىق بېيىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى كۆپەيتىش›› قۇرۇلۇشىنى ۋاسىتە قىلىپ، ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ‹‹كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش›› خەلق تۇرمۇشى مېلودىيەسىنى ياخشى ياڭراتتى. ھازىر ‹‹مېۋە – چىۋە، كۆكتات ئارقىلىق بېيىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى كۆپەيتىش›› قۇرۇلۇشى ئارقىلىقلا يەرلىكتە 100 مىڭ دېھقاننىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلىگەندىلا نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ كۆپ يىل ئىزدىنىشى ۋە ياراتقان مۇۋەپپەقىيىتى، ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتى بۇ ئاددىي، ئەمما ئۇلۇغ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردى.

    جەنۇبىي شىنجاڭغا بارسىڭىز، ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى كۆپلىگەن كادىرنىڭ شىنجاڭنىڭ بادام، چىلان، قوغۇن قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىمۇ ‹‹ياڭاق كەسىپ زەنجىرى›› ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. كىشىلەر ‹‹بىر تال ياڭاق››تىن يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش يولىنى كۆردى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى