ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

شەرق بىلەن غەرب ماسلىشىپ، ئېلىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 11- كۈنى 04:29   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    مەملىكەتلىك كەسپىي مائارىپ شەرق غەرب ماسلىشىش ھەرىكىتى پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېلىشىمنامىسى 8-ئىيۇل لەنجۇدا ئىمزالاندى، بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، تيەنجىن، گەنسۇ، شاڭخەي، يۈننەن، جياڭسۇ، نىڭشيا قاتارلىق شەرقىي غەربىي قىسىمدىكى 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر كەسپىي مائارىپ جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپى شەرق غەرب ماسلىشىش ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش دەۋرىگە كىردى.

    شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر شۇ يەردىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەرق غەرب نامراتلارنى يۆلەش پىلانىدىكى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم رايونىدىكى كەسپىي مائارىپ بىلەن داۋاملىق كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاشنى مائارىپتا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

    غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ ۋە خادىملار نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ياردەم بەرگۈچى بىلەن ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ئىشىنىش ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ. يولغا قويۇش داۋامىدا، شەرقىي، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئىنستىتۇت مەكتەپلەر بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، كەسپىي ئىتتىپاق، كەسپىي مائارىپ گۇرۇھى قاتارلىق چوڭقۇر ياردەم بېرىپ يۆلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى