ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئۈرۈمچى ئاساسىي شەھەر رايونىدا تېمپېراتۇرا ℃35 قا چىقتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 11- كۈنى 04:21   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ تورى

                                   

    

    8-ئىيۇن، تەڭرىتاغ باغچىسى تەڭرىتاغ شادلىقى سۇ دۇنياسىدا شەھەر ئاھالىلىرى كۆڭۈللۈك ئوينىماقتا.

    8-ئىيۇن ئۈرۈمچى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر كۈننى كۈتۈۋالدى، مەيلى شەھەرنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا بولسۇن تېمپېراتۇرا℃35 بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۆلچىمىگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃36، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا تېمپېراتۇرا℃38.9 بولدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى 12-ئىيۇندىن بۇرۇن ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ئۇدا كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا 9-ئىيۇل تېمپېراتۇرا℃40تىن ئاشتى.

    ئىران سۇبتروپىك يۇقىرى بېسىمىنىڭ كۈچلۈك كونتىرول قىلىشى ئاستىدا، ئۈرۈمچىدە يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ھاۋا ئوچۇق بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەھەر شىمالى ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلدى. ئاساسىي شەھەر رايونىدا بولسا يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃35تىن ئاشمىدى.

    مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى 12-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىكەن. ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃37 بولىدىكەن، شەھەر شىمالى ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا تېمپېراتۇرا℃40 بولىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى