ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

شى جىنپىڭ ئامېرىكا، فىرانسىيە، ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 10- كۈنى 03:12   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

        

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ھامبۇرگ، 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

          

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مارئالاگو قورۇقىدا كۆرۈشكەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ خىزمەت كوللېكتىپى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىنى 7 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئۆتكۈزۈشكە ھەم يېقىندا تۇنجى نۆۋەتلىك قانۇن ئىجراسى ۋە تور بىخەتەرلىكى سۆھبىتى، جەمئىيەت ۋە ئادەمىيەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى. ئىككى تەرەپ تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو – ئامېرىكا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ 100 كۈنلۈك پىلانىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ بىر يىللىق ھەمكارلىق پىلانىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە كېڭىشىۋاتىمىز. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ئىقتىساد مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. قانۇن ئىجراسى، تور بىخەتەرلىكى، ئادەمىيەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بالدۇرراق ئۆزئارا زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى كېڭىشى رەئىسىنىڭ 8 – ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى بىرلەشمە ئىشتابىنىڭ 11 – ئايدا تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 2018 – يىلى ‹‹تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش›› ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىختىلاپ ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

    ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم. ھازىر ئامېرىكا – جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھى، شۇنداقلا خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم تەسىرگە ئىگە دۆلەت. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ئالاقىدار ساھەلەردىكى سۆھبەت ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى خالايدۇ.

    ئىككى تەرەپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداش، مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى ئىپادىلىدى، يەنى خەلقئارا جەمئىيەت چاۋشيەننىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىگە زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەن بىللە، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە ‹‹ساد›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا داۋاملىق زىچ ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشقا قوشۇلدى.

    ئىككى تەرەپ يەنە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ھەم جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

    ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ ياڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى تىللېرسون ۋە كابىنېت ئەزالىرى، ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ھامبۇرگ، 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ھامبۇرگدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

        

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ھامبۇرگدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت، ئوخشاشلا مۇستەقىل، ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغان بولۇپ، ‹‹ب د ت نىزامنامىسى›› ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدايدۇ، ئوخشاشلا ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئالاقىسى جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو – فىرانسىيە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى يەنىمۇ كۈچەيدى. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتى، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك خەلقئارا ھەمكارلىق جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىللە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن نەزەر سېلىپ، جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز. بىز يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا يول قويۇش روھى ئاساسىدا، بىر – بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېمەكلىك، پۇل مۇئامىلە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئېچىپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ‹‹تورت››نى داۋاملىق زورايتىشىمىز ۋە ياخشى ياسىشىمىز كېرەك. خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى جەھەتتە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك، مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو – ياۋروپا سودىسىنى كېڭەيتىش، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ‹‹پارىژ كېلىشىمى››دە تەشەببۇس قىلىنغان يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولى جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو مەۋقەنى ئۆزىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىغا قويۇپ، ‹‹پارىژ كېلىشىمى›› رامكىسى ئىچىدىكى زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

    ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىنى ئالقىشلايمەن. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى. فىرانسىيە فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم كۈچ، دەپ قارايدۇ. بىز جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد – سودا، مەبلەغ سېلىش، يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، يېمەكلىك قاتارلىق كەڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ زور خەلقئارا مەسىلىلەردىكى مەيدانى يېقىن بولۇپ، ب د ت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك رامكىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ ياڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ھامبۇرگ، 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى كېلىشكىنى بويىچە ھامبۇرگدا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى.

      

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ھامبۇرگدا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇھىم يېقىن قوشنىلار. جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت – سائادىتىگە تاقىلىدۇ، شۇنداقلا ئاسىيا ۋە دۇنياغا نىسبەتەنمۇ مۇھىم تەسىرگە ئىگە. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تىنچلىق – دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئىككى تەرەپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش روھى بويىچە كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرغان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ ئەگرى – توقايلىقلار ۋە كەسكىن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، تېز تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن پايدىلىق تەجرىبە – ساۋاقلارنى قالدۇردى. يېڭى تارىخىي دەۋردە، يېڭى تارىخىي پەيتتە، ئىككى تەرەپ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەۋقەنى ئومۇمىيەتكە ۋە كەلگۈسىگە قويۇپ، ھەم ئىستراتېگىيە جەھەتتە تىنچ ئۆتۈش، دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش چوڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىشى، ھەم ھەرىكەت جەھەتتە ھەقىقىي پۇختا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ياپونىيەنىڭ جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى سىياسەت ۋە ھەرىكىتىدە تېخىمۇ كۆپ نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي ئاساسنى ياخشى قوغداش جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت نورماللاشقاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۆت سىياسىي ھۆججەت ۋە تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپال ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، تارىخ، تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش توغرىسىدا پىرىنسىپ ئورناتتى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا چېتىلىدىغان بۇ زور مەسىلىلەردە ھەرگىز سودىلىشىشقا بولمايدۇ، چېكىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئىزىدىن قېيىپ كەتمەيدۇ، سۈرئىتى ئاستىلاپ قالمايدۇ. ياپونىيەنىڭ سەمىمىي بولۇپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، قائىدە بويىچە ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق تىرىكى. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىز ياپونىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئالقىشلايمىز. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، تاراتقۇ، يەرلىك، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ دائىرىلىك ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىسا بولىدۇ.

    ئابې شىنزو مۇنداق دېدى: بۇ يىل ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى ھەم كېلەر يىلى ياپونىيە – جۇڭگو تىنچلىق – دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكچى بولۇۋاتقان پەيتتە، ياپونىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دۇنيادىكى 2 – ، 3 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىغا نىسبەتەن مۇھىم تەسىرگە ئىگە. ياپونىيە جۇڭگو بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مېخانىزم خاراكتېرلىك ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد – سودا، پۇل مۇئامىلە، ساياھەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەم ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىشنى، شۇنداقلا ياشلار ئالاقىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ياپونىيەنىڭ 1972 – يىلى ياپونىيە – جۇڭگو قوشما باياناتىدا ئېنىق شەرھلىگەن تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمىدى.

    ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى