ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 07- كۈنى 04:21   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەرھات توختى

    ‹‹ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت››، بۇ، تارىخ تەرىپىدىن قايتا – قايتا ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

    پارتىيەنىڭ كۆپ يىللىق تەربىيەسىنى ئالغان ئۇيغۇر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن – ئاخىر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشى بولمايتتى، شۇنداقلا بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزمۇ بولمايتتى، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم، يۈكسىلىشىممۇ بولمايتتى، مەيلى قاچان، قەيەردە بولسۇن، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى قەلبىمگە پۈكىمەن. تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، باشتىن – ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ، ھەر ۋاقىت بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداشنىڭ ئاۋانگارتى، ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن.

    مەن باشتىن – ئاخىر ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ھوشيار، ئېتىقاد جەھەتتە سادىق، ھەرىكەتتە سەمىمىي، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، ئىستىلدا دۇرۇس، خەلقنىڭ سىردىشى، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئىنتىزامنىڭ ئاڭلىق ئىجراچىسى، پاكلىق جەھەتتە ساپ كىشىلەردىن بولىمەن.

    مەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىدە، تونۇشتا مۈجمەل بولماي، كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، دىلىم بىلەن تىلىمنى بىردەك قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. بولۇپمۇ ھالقىلىق، خەتەرلىك پەيتتە، كۆكرەك كېرىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قۇربان بېرىشتىن باش تارتماي ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايمەن.

    مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلارنى تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرگۈچى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى، ھىمايە قىلغۇچى، قوغدىغۇچىلاردىن بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە يېتەكلەيمەن.

    مەن باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ مۇلاھىزە قىلىپ، پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، تەلەپچان، راستچىل بولۇش ئۆلچىمى ۋە مىخلىق روھى بىلەن، باش نىشانغا يېتىشنى تېزلىتىش ئەمەلىيىتىدە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ تۆھپە قوشىمەن.

    پارتىيەنى، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش بىزنىڭ ئورتاق قەلب سادايىمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى ھەقىقىي مۇجەسسەملەپ، پولات ئىستىھكام بەرپا قىلىپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغىچە توختاپ قالماسلىق ۋە ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش، تەلتۆكۈس يوقىتىشتەك جاسارەت بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، تولۇق قېزىپ چىقىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇلارغا ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەي، قاچىدىغان يول، يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماي، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىشىمىز كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى