ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

دۇرۇس ئادەم بولۇپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، توغرا سۆزلەپ، توغرا ئىش–ھەرىكەتتە بولۇپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيۈش، ساداقەتمەن بولۇش، دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ئىتتىپاقلىشىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 07- كۈنى 04:20   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى يىراقتىن ئوقۇتۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەردان

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت، دىننى دەستەك قىلىۋېلىپ، ئاممىنى ئالداپ، قانۇننى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى ئارقا – ئارقىدىن سادىر قىلدى، ئەڭ رەزىل، ئەڭ ئىپلاس ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى نادانلىق پاتقىقىغا سۆرىمەكچى ھەم ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئىتتىرمەكچى بولدى.

    تەشكىلات خىزمىتىنى قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى جەزمەن دۇرۇس ئادەم بولۇشىمىز، ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەننى ئېتىراپ قىلىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. بىز جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى كەم – كوتسىز ئىجرا قىلىشىمىز، دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۈلگىلىك رولى ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ھەم ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىشىمىز؛ تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى جەزمەن يۈكسەك ئىدىيەۋى ھوشيارلىق ۋە مۇستەھكەم غايە – ئېتىقاد تۇرغۇزۇشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسمى، بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تونۇشقا يېتەكلىشىمىز، ‹‹قوش تىل››نى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشىمىز، ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش داۋامىدا ‹‹بەشنى تونۇش›› ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

    تەشكىلات خىزمىتىنى قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار جەزمەن توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشىمىز، تىرىشىپ ئېتىقادىغا سادىق ئۈلگىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئېتىقادنى چىڭىتىش دېگەنلىك مەيدانى چىڭ بولۇش دېگەنلىكتۇر، بۇ، دەۋرنىڭ ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىغا قويغان تەلىپى. تەشكىلات خىزمىتىنى قىلىدىغان كادىرلار ئىدىيە جەھەتتە پاك بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىمىز، پارتىيەگە سەمىمىي – سادىق بولۇشىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز، مەركەزنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ؛ تەشكىلات خىزمىتىنى قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار پارتىيەنى باشتىن – ئاخىر قەلبىمىزنىڭ تۆرىگە قويۇشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىمىزنىڭ پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

    تەشكىلات خىزمىتىنى قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار جەزمەن توغرا سۆزلىشىمىز، تىرىشىپ دادىل زىممىسىگە ئېلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. تەشكىلات خىزمىتىنى قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىشىمىز، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. بىز جەزمەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ‹‹پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش مەسئۇلىيەت، چىڭ تۇتماسلىق ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغانلىق، چىڭ تۇتالماسلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق›› دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز، چىڭ تۇتۇشىمىز، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، تەشكىلات خىزمىتىنى قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، خەۋپتىن قورقماي، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

    تەشكىلات خىزمىتىنى قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار جەزمەن توغرا ئىش – ھەرىكەتتە بولۇشىمىز، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. تەشكىلات خىزمىتىنى قىلىدىغان ھەر دەرىجىلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشىمىز، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، ئەلرايىغا قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆزئارا قوبۇل قىلىش، ئۆزئارا سىڭىشىشكە يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى