ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

بېلارۇسىيە مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كاتتا پارات ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 04- كۈنى 03:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

    بېلارۇسىيە تۈنۈگۈن پايتەخت مىنىسكىدا كاتتا پارات ئۆتكۈزۈپ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.

    بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشىنكو پارات مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بېلارۇسىيە مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تىنچ مەنبەلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر باراۋەر بولۇش ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق خەلقئارا توقۇنۇشلارنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. ئالاقىدار تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا بېلارۇسىيە ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلدى.

    1944-يىلى 3-ئىيۇل بېلارۇسىيە گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدى، 1996-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى بېلارۇسىيە ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ، شۇ كۈننى بېلارۇسىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى قىلىپ بېكىتتى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى