ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ماكرون: ساھىل 5 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئارمىيەسىگە ياردەم قىلىمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 04- كۈنى 03:53   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

    فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 2-ئىيۇل مالىنىڭ پايتەختى باماكودا ئۆتكۈزۈلگەن ساھىل 5 دۆلەت گۇرۇھى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا، فىرانسىيەنىڭ ساھىل 5 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئارمىيەسىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە 70 تاكتىكىلىق ماشىنا، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەسكەرلەرنى قوغداش جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تەخمىنەن 8 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى ياردەم بىلەن تەمىنلەيمىز.

    ساھىل رايونى ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭلىكى 320 كىلومېتىردىن 480 كىلومېتىرغىچە بولغان رايوننى كۆرسىتىدۇ، سېنگال، ماۋرىتانىيە، مالى، بۇركىنافوسو، نېگىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ رايون نامراتلىق، قوراللىق توقۇنۇش ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تاتتى.

    بۇ يىل 2-ئايدا، ساھىل 5 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا مالى، ماۋرىتانىيە، بۇركىنافوسو، نېگىر ۋە چاد بىرلىكتە 5 مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن ساھىل 5 دۆلەت گۇرۇھى بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمى تەشكىللەپ، ساھىل رايونىدا كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان تېررورىزمنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى