ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەدەنىيەت ئىزنالىرى

‹‹مەن شىنجاڭغا بارىمەن››ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىنىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 04- كۈنى 03:48   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: شاڭخەي ‹‹جياڭخەن›› مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ‹‹مەن شىنجاڭدىن كەلدىم›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئاپتورى ۋە رېژىسسورى قۇربانجان سەمەت ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 2 – قىسمى ‹‹مەن شىنجاڭغا بارىمەن››نى ئىشلەشكە تۇتۇش قىلدى.

    ھۆججەتلىك فىلىم ‹‹مەن شىنجاڭدىن كەلدىم›› 2016 – يىلى 6 – ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1 –، 4 –، 9 – قاناللىرىدا قويۇلۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىر قوزغاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشاۋاتقان شىنجاڭلىق 18 شەخسنىڭ ھېكايىسى نۇرغۇن تاماشىبىننى تەسىرلەندۈرگەنىدى. ياش يازغۇچى قۇربانجان سەمەت بۇ قېتىم باشقا يۇرتلاردىن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ ھېكايىسى، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى، شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ، سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىدى.

    ئۇقۇشىمچە، بۇ فىلىم مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭغا ئائىت تاشقى تەشۋىقات ھۆججەتلىك فىلىمى بولۇپ، فىلىمگە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. فىلىمگە شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شاڭخەي پۇدۇڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان. فىلىم بۇ يىل 7 –، 8 –، 9 – ئايلاردا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان بولۇپ، كېلەر يىلى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

    ‹‹مەن شىنجاڭغا بارىمەن›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم سەككىز قىسىم بولۇپ، ھەر بىر قىسىم 30 مىنۇت ئىكەن، فىلىمدە 24 شەخسنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى بايان قىلىنىدىكەن. ھازىر سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى تۇنجى زىيارەتنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مىڭ ئەپەندىدىن باشلىغان.

    قۇربانجان سەمەت مۇنداق دېدى: مەن ۋاڭ مىڭ ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ شىنجاڭغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتى ھەم ھۆرمىتى، شىنجاڭ ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان قەيسەرانە روھىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ئىشىنىمەنكى، بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى