ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 07 - ئاينىڭ 04- كۈنى 03:04   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ «شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ ئالاقىدار تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلىپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىكلىرىنى ھەقسىز تەمىنلەش ۋە بىر قىسىم دەرسلىكلەرنى تەكرار ئىشلىتىشكە ئائىت خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ، ھەقسىز دەرسلىك كىتابلىرى بىلەن تەمىنلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ، مەملىكەت بويىچە بارلىق رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    مەزكۇر پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2017ـ يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، مەركەز مالىيەسى مەملىكەت بويىچە شەھەر ۋە يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت دەرسلىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلىشى كېرەك؛ جايلار ئۆزلىرى تۈزۈپ چىقىشنى تەشكىللىگەن ۋە تاللاپ ئىشلەتمەكچى بولغان دەرسلىك قوللانمىلىرىنى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بىردەك ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىشى، كېرەكلىك مەبلەغنى يەرلىك مالىيەلەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ھەقسىز دەرسلىك كىتاب سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەر بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك.

    پىكىردە يەنە مۇنۇلار بېكىتىلدى: مەجبۇرىيەت مائارىپىدا بىر قىسىم دۆلەتلىك دەرسلىكلەرنى تەكرار ئىشلىتىش تۈزۈمىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق يېزا ۋە شەھەر رايونلىرىدا يولغا قويۇپ، تەكرار ئىشلىتىدىغان دەرسلىكنىڭ تۈرىنى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشەش كېرەك، شۇ ئارقىلىق، جايلارنىڭ يەرلىك دەرسلىك ئىشلىتىشتە ھەقسىز دەرسلىكنى تەكرار ئىشلىتىشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى