ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

قاتار دىپلوماتىيەسى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەچكە، غەززە ئىقتىسادى جىددىيلەشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 06 - ئاينىڭ 27- كۈنى 03:24   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق بىر قانچە قوشنا دۆلەتنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى ۋە توشۇشنى مەنئى قىلىشى بىلەن، قاتار ئوتتۇرا شەرق دىپلوماتىيەسىدە بىر مەھەل يالغۇز قالدۇرۇلدى، بىراق بۇ باي كىچىك دۆلەت تېخى بىردىنلا پاتقاققا پېتىپ قالمىدى، پەقەت غەززەدىكىلەر ئەگەر كىرىزىس داۋاملىق ئېغىرلاشسا، ئۆزلىرىنىڭ قاتاردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم «شەپقەتچى»سىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

    يېقىنقى يىللادىن بۇيان، قاتار نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، غەززەدە ئۆي، يول ياساپ، دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ قۇرۇپ، غەززەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپە قوشتى، غەززەگە 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەردى.

    مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بەھرەيىن قاتارلىق پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى «قاتار تېررورىزمنى قوللاپ، رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دەپ، تۇيۇقسىز قاتار بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنى چەكلەش ئارقىلىق جازالىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارنىڭ نۆۋەتتە غەززەنى ئەمەلىي كونترول قىلىۋاتقان پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) ھاكىمىيىتىنى قوللاشنى توختىتىشىنى دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرتلىرىنىڭ بىرى قىلدى. خاماس قورال كۈچى بىلەن ئىسرائىلىيەنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار خاماسنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن.

    خاماسنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى مەھمۇد زاھار ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قاتار ياردەم بەرگەن ئۆي، دوختۇرخانا، مەكتەپ، يول قاتارلىق تۈرلەر خاماسقا قۇرۇپ بەرگەن ئەمەس، بەلكى پەلەستىن خەلقىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ. «زورلۇق بىلەن خاماس ۋە قاتارنى چېتىۋېلىشنىڭ ھەممىسى خاتا ۋە بىھۇدە ئۇرۇنۇش»، دېدى.

    ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ «خاماسنىڭ ھەربىي كۈچىنى زورايتىشىغا ياردەم بەردى» دەپ ئەيىبلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قاتار غەززەدە ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشتى ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غەززەدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈرلەرنى قانات يايدۇردى.

    ئىسرائىلىيە ئون يىلدىن بۇيان، غەززەگە قارىتا قاتتىق بولغان چېگرانى قامال قىلىشنى يولغا قويۇپ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىنتايىن كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىتتا، قاتارنىڭ ياردەم بېرىشى 2007- يىلىدىن باشلاپ غەززەنى ئەمەلىي كونترول قىلغان خاماس ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولدى. قاتار ئەمرى خاماس تەختكە چىققاندىن كېيىن غەززەدە زىيارەتتە بولغان بىردىنبىر چەت ئەل دۆلەت باشلىقى بولۇپ قالدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى