ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىگە قارا كۆلەڭگە پەيدا بولدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 06 - ئاينىڭ 20- كۈنى 02:40   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 18-ئىيۇن ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن كۇبا ھاسىل قىلغان «پۈتۈنلەي تەڭسىز» كېلىشىمنى دەرھال بىكار قىلىپ، ئىقتىساد سودا ۋە ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە كۇباغا قاراتقان سىياسەتنى چىڭىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كۇبا ھۆكۈمىتى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۇبا بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قاراتقان سىياسىتى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما كۇباغا قاراتقان سىياسىتىنى چىڭىتىشى ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسىغا قاراتقان ياردىمىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىشى قاتارلىقلاردىن ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭىدىن تەڭشىلىدىغانلىقىنى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ باراۋەر شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ياراتقان دىپلوماتىك «مىراسى»دىن ۋاز كېچىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى