ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ترامپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قاتار دىپلوماتىيە كىرىزىسىنى مۇرەسسە قىلماقچى بولدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 06 - ئاينىڭ 12- كۈنى 02:45   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

       قاتار باش ئەلچىسى قارشى ئالدى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ 7-ئىيۇن قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئاق سارايغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىش تەكلىپى بەردى.

    شۇ كۈنىگىچە، ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى.

    قاتارنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى قاتارغا قارىتىلغان ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە ۋەزىرى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى يەنىلا دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەل قىلىش كېرەك، سىرتقى كۈچنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ھاجەتسىز، دەپ كۆرسەتتى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى