ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقى ‹‹ئاتا – ئانىلارنىڭ تاپشۇرۇقى››غا ئايلىنىپ قالمىسۇن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 06 - ئاينىڭ 06- كۈنى 05:11   |    ئاپتور :  جاڭ يۈشىڭ  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

   

    تاپشۇرۇقنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بالىلاردا مۇستەقىل قول سېلىپ ئىشلەش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئالدىغا تاماملاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بولسا، ئاتا – ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلىشىشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى، ھازىرقى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقى ‹‹ئاتا – ئانىلارنىڭ تاپشۇرۇقى››غا ئايلىنىپ قېلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئومۇملىشىپ قالدى. بۇ، قىسمەن تاپشۇرۇقلارنىڭ بالىلارنىڭ تاماملاش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق بەزى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ ۋەياكى زىيادە ئامراقلىق قىلىپ، بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۆزىنىڭ ‹‹قىلىۋېلىشى››نىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.

    ئالايلۇق، بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ زىيادە چارچاپ، ياخشى ئارام ئالالماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى غاچ – غۇچ قىلىپلا ئىشلەپ بېرىدۇ؛ بەزىلەر بالىلىرى ئىشلىگەن تاپشۇرۇقنىڭ سۈپىتىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆزى بىر قوللۇق ئىشلەپ بېرىش ئارقىلىق، بالىلىرىنى يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشتۈرۈپ، ‹‹شۆھرەتپەرەسلىك›› قىلىشىدۇ... بۇ، ئەمەلىيەتتە خاتا ئىش، بالىلاردا قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى بىلەن سەۋرچان پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ۋە تاپشۇرۇقىغا باھا بېرىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.

    بالىلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل تاماملاشقا يېتەكلەش مەكتەپ مائارىپى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئورتاق نىشانى. ئوقۇتۇشتا قاتتىق قول بولغاندىلا، تەلىم – تەربىيەدە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ‹‹ئاتا – ئانىلارنىڭ تاپشۇرۇقى››غا ئايلاندۇرۇپ قويماي، تاپشۇرۇقنىڭ ‹‹سۇبيېكتى››غا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇلارنى مۇستەقىل قول سېلىپ ئىشلەشكە يېتەكلەش بىلەن بىللە، تاپشۇرۇقنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئاتا – ئانىلار تاپشۇرۇقلارنى ئۆزى ھۆددىگە ئېلىۋالماي، بالىلارنىڭ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىشىگە مەدەت بېرىشى، بالىلارنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر – بىرىگە ياردەم بېرىپ، نىشاندىن چەتنەپ كېتىپ، ‹‹يېرىم يولدا توختاپ قېلىشى››دىن ساقلىنىشى كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى