ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - ۋىلايەت ئوبلاستلار

كۇچا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 06 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:10   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئەھمەد ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى بۇلتۇردىن بۇيان كىلىمات نورمالسىز بولۇش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەنلەشتەك ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، كالا، قوي باقمىچىلىقى ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، باغ – ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشىگەندىن سىرت، بۇ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەتلەرنى بازارغا قاراپ تەڭشىدى.

    بۇ ناھىيە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، ئاشلىق كۆلىمىنى 110 مىڭ مو كۆپەيتىپ، كېۋەز كۆلىمىنى 150 مىڭ مو كېمەيتتى، دورا ماتېرىياللىرى تېرىلغۇ كۆلىمىنى 80 مىڭ مودىن ئاشۇردى. چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 20 مىڭ ئائىلىگە 75 مىليون 150 مىڭ يۈەن كېپىللىك قەرز پۇلى تارقاتتى. كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 24نى يېڭىدىن قۇرۇپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى 195كە يەتكۈزدى. قوي گۆشىنىڭ باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قوي گۆشىنى زاپاس ساقلاش ئورنىدىن سەككىزنى قۇردى. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، كالا، قوي باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، يېزا – بازارلاردا بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنىڭ زەنجىرسىمان پىششىقلاش نۇقتىلىرىنى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. يېزىلاردا 320 مىڭ مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، ئوبوروت قىلىنغان يەرنى 840 مىڭ موغا يەتكۈزدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى