ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - ۋىلايەت ئوبلاستلار

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 300 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان پاختا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 06 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:10   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئەنۋەرجان ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسىنىڭ پەيشەنبە بازار يېزىسى پەيشەنبەبازار كەنتىدىكى توختى ئابلا يېقىندا پاختا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسى تالونىنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر پاختىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 7.5 يۈەندىن سېتىپ، ئوبدان كىرىم قىلغانىدىم. ھۆكۈمەت يەنە ھەر كىلوگىرامىغا .85 0 يۈەندىن تولۇقلىما بەردى. پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت.

    شۇ كۈنى پەيشەنبە بازار كەنتىدە كېۋەز تېرىغان 40 ئائىلىلىك دېھقانغا 2016 – يىللىق 2 – تۈركۈمدىكى پاختا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسى تارقىتىلدى. تولۇقلىما ئالغان دېھقانلارنىڭ چېھرىدە شادلىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى. بۇ كەنتتىكى ئەرشىدىن ساۋۇت مۇنداق دېدى: بۇلتۇر پاختا باھاسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. ھۆكۈمەت پاختا باھا تولۇقلىمىسى بېرىش ئارقىلىق كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ. بازاردا باھا ئۆزگىرىشى بولغان تەقدىردىمۇ زىيان تارتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق، شۇڭا مەن بۇ يىل يەنە 80 مو يەرگە كېۋەز تېرىدىم.

    ئۇقۇشىمچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى 2016 – يىللىق پاختا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسى راسچوت مەبلىغىدىن 2 مىليارد 2 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيە (شەھەر) لەرگە ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ بەرگەن. بۇنىڭدىن 300 مىڭدىن ئارتۇق پاختىكار نەپكە ئېرىشكەن.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى