ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئىستۇدېنتلار ئالغا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىشى كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 06 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:08   |    ئاپتور :    جۇڭ جياۋپىڭ  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

 

    22 ياشلىق چېن شۇەيشيەن ئالىي مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇيتتى، ئىككى يىل ئىلگىرى دادىسى سودىدا زىيان تارتقاچقا، ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنىمۇ بېرەلمىگەنىدى. ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭغا دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پۇل تېپىش ئىرادىسىدە چىڭ تۇردى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ مەكتەپ ئاشخانىسىدا بىر ئورۇننى ئىجارىگە ئېلىپ، يۇرتىنىڭ قورۇمىلىرىنى سېتىپ ئوقۇش خىراجىتىنى ھەل قىلدى. ئۇ يەنە قىيىنچىلىقى بار ساۋاقداشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆزىگە ياردەملەشتۈردى، ھەر قېتىم ئىش ھەققى تارقاتقاندا پايدىنى ئۇلارغا تەڭ تەقسىم قىلدى.

    بۇ خەۋەر ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چېن شۇەيشيەننىڭ ماختاشقا ئەرزىيدىغان تەرىپى شۇكى، ئۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپلا قالماي، ئۆزىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بەردى، بۇ دەل ئىستۇدېنتلىرىمىزدا كەم بولۇۋاتقان ئېسىل پەزىلەت.

    ھازىر قىسمەن ئىستۇدېنتلاردا قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىش، زىيادە ئىستېمال قىلىش ۋە ئالدىنئالا ئىستېمال قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلمەكتە. بۇ ئەمەلىيەتتە تەييارغا ھەييار بولۇش ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىستېمال ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، قىسمەن ئىستۇدېنتلار قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىش، زىيادە ئىستېمال قىلىش ۋە ئالدىنئالا ئىستېمال قىلىش ئالىي مەكتەپلەردىلا ئەمەس، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ ئومۇملىشىپ، قىسمەن باي ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك ئىستېمالى بىر قانچە نامرات ئائىلىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

    پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىدىغان، زىيادە ئىستېمال قىلىدىغان ۋە ئالدىنئالا ئىستېمال قىلىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا چېن شۇەيشيەننىڭ ئىش – پائالىيىتى ئوخشاش ياشتىكىلەرگە ياخشى بىر ئەينەك بولالايدۇ. ئاتا – ئانىسىدىن زىيادە پۇل تەلەپ قىلىش ياكى تەييارغا ھەييار بولۇش مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلانماقتا. بۇنىڭدىن ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    ياشلارنىڭ قىممەت قارىشى بارا – بارا پىشىپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئەگەر تەربىيە ئارقىلىق ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇ بۇرمىلانغان ئىدىيەدىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىيەلمىسەك، ئۇلار ئاتا – ئانىسىدىن زىيادە كۆپ پۇل تەلەپ قىلىپلا قالماي، دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن كەلگەن ياردەملەر، مەسىلەن، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىقلارنىمۇ ئېرىشىشىم ھەقلىق دەپ قارايدىغان ناتوغرا خاھىش شەكىللىنىپ قالىدۇ.

    ئەلۋەتتە، قىيىنچىلىقى بار ئىستۇدېنتلارنىڭ ھەممىسىدىن چېن شۇەيشيەنگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئەمگىكىگە تايىنىپ ئوقۇشىنى تاماملاشنى تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. چېن شۇەيشيەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ، بىراق ئۇنى ماختىغانلىق قىيىنچىلىقى بار ئىستۇدېنتلاردىن ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنى دوراشنى تەلەپ قىلغانلىق ئەمەس، بۇ يەنە كېلىپ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا تايىنىپ ئوقۇشىنى تاماملاۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ئىستۇدېنتلارنى تۆۋەن كۆرگەنلىكمۇ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىز بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش ياكى باشقا شەكىلدىكى ياردەملەرنى قوبۇل قىلىش ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بولۇپمۇ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بەدەلسىز ئەمەس، ئىستۇدېنتلار كېيىن ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق بۇنى قايتۇرىدۇ، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشمۇ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغانلىق. يەنە كېلىپ بىلىم ئېلىش باسقۇچىدا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى ئىزچىل تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق نامايان قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، چېن شۇەيشيەننى ماختاش قىيىنچىلىقى بار باشقا ئىستۇدېنتلارغا ئۇ قوللانغان ئۇسۇلنى دوراشنى تەشەببۇس قىلغانلىق ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ بۇ خىل باشقىلارغا تايانماسلىق روھىنى تەڭ ياشتىكىلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇش، خالاس.

    چەكلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىگىلىۋېلىشنى خالىماي، ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى تاللىغان چېن شۇەيشيەننىڭ بۇ خىل روھى ئوقۇغۇچىلاردىكى ئالغا ئىنتىلىش روھىنى نامايان قىلىدۇ. شۇڭا چېن شۇەيشيەنگە ئوخشاش ياشلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بۇ خىل روھ مەكتەپ مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇشى كېرەك.

    ‹‹جۇڭگو مائارىپ گېزىتى››دىن

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى