ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە سەل قارىمايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 06 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:07   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ۋارىسجان ئەھمەد

    ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق يىل ئىزدىنىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    1. ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش لازىم

    ھازىر كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىتاب ئوقۇمايدۇ، ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنى ئالدىن كۆرۈپ كېلىشكىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ. كىتاب ئوقۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا – ئانىلار ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك كىتاب ئوقۇشقا، دائىم كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى، مەكتەپلەر دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردە، بولۇپمۇ خاتىرە كۈنلەردە ئوقۇغۇچىلارنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەشكىللىشى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى لازىم.

    2. ئوقۇغۇچىلارنى نەسرىي ئەسەرلەرنى يادلاشقا دەۋەت قىلىش لازىم

    بىر ئادەمنىڭ سۆز بايلىقى ۋە نۇتۇق ئىقتىدارى كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش، باشقىلار بىلەن كۆپرەك سۆزلىشىش، گەپ قىلغاندا يارقىن ھەم پاساھەتلىك سۆزلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار نادىر ئەسەرلەرنى ۋە جۈملىلەرنى كۆپلەپ يادقا ئالغاندىلا، جانلىق تىلنى مۇناسىپ ئىشلىتىش ۋە قوللىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئىلگىرى پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرىمىز شۇنچىلىك ناتىق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارغا يىغىن ئېچىشتىن ئىلگىرى دېمەكچى بولغان سۆزىنىڭ تەرتىپىنى سەرەڭگە قېپىچىلىك قەغەزگە يېزىپ كىرەتتى – دە، بىرەر سائەتلىك يىغىن مەزمۇنىنى شۇنچە تەرتىپلىك ھەم سۆز – جۈملىلەرنى جايىدا قوللىنىپ، باشقىلارنى قايىل ھەم مايىل قىلاتتى.

    3. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم

    ھازىرقى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم تېما، مەلۇم مەسىلىگە بولغان ئىنكاسى، تۇيغۇسى، چۈشىنىشى، كۆز قارىشى ھەققىدە ئىزدىنىپ، پىكىر بايان قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتۇر. ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن مەشىقلەندۈرۈپ يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش قانچە كۆپ بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشىغا شۇنچە ئۈنۈملۈك مەدەت بەرگىلى بولىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار سەللا دۇدۇقلاپ قالسا، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىلھام بېرىش ئورنىغا، تەنبىھ قىلىپ، ئۇلارغا سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەيدۇ – دە، نەتىجىدە ئوقۇغۇچىدا مۇستەقىل پىكىر بايان قىلىش، نۇتۇق ئىقتىدارى يېتىلمەيدۇ.

    4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشىشى كېرەك

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئىقتىدارى، نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئۇلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى بولغان ئائىلىدە، تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئاتا – ئانىلاردا مەدەنىي تىل ئىشلىتىش ساپاسى يېتىلىشى، يالغۇز تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۈچىگىلا تايىنىپ قالماي، باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇشى كېرەك.

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كىشىلەر بىزنىڭ گەپ – سۆزىمىزگە قاراپلا ساپايىمىزغا باھا بېرىدۇ. مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى تارتىنماي پىكىر بايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى مۇھاكىمىگە تەشكىللەش ئارقىلىق ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرۇشقا يېتەكلىشى، ئوقۇتقۇچىمۇ جانلىق تىل سەنئىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ راۋان سۆزلىشىگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى