ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

مائارىپ ئۆلچىمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 05 - ئاينىڭ 23- كۈنى 04:48   |    ئاپتور : گۈلشەن ئابدۇرېشىت  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    سۈپەت مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، مائارىپنىڭ مەقسىتى ۋە تەربىيەلەش نىشانى، ئىختىساسلىقلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈشنىڭ نېگىزى. شۇڭا ‹‹ئۆلچەم›› ئارقىلىق مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    دۆلەت سۈپەت ئۆلچىمى، جۈملىدىن مائارىپنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى. مەزمۇن ۋە نۇقتىئينەزەر جەھەتتىن ئېيتقاندا، مائارىپنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى مائارىپ ئۆلچىمى، مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈپەت ئۆلچەملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مائارىپنىڭ مەقسىتى ئادەم تەربىيەلەش، شۇڭا مائارىپنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشى، ئىدىيە – ئەخلاق، ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسى قاتارلىقلارنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى مەكتەپ ۋە مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى، مائارىپنىڭ تەرەققىياتى مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا نامايان بولىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئوقۇتۇش نەتىجىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى، مائارىپ ئىدىيەسى، مەكتەپ مۇھىتى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ زامانىۋىلىقى، ئوقۇتۇش بايلىقىدىن پايدىلىنىش دەرىجىسى قاتارلىقلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭ ئىچىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ تەرەققىياتىدىكى غوللۇق كۈچ. شۇڭا مائارىپ ئۆلچىمىنى بېكىتكەندە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ ئۆلچىمىنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۆلچەمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇش ئاساسىدا بېكىتىش كېرەك. بۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش، ھۆرمەتلەش، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش، ئۆزىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ساقلاش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە بىلىمى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە باشلامچى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ ئۆلچىمىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خاراكتېرىدىكى پەرققە ئېتىبار بېرىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلەش كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى