ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - ۋىلايەت ئوبلاستلار

ئاقسۇ ۋىلايىتى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 178نى ئەمەلىيلەشتۈردى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 05 - ئاينىڭ 22- كۈنى 03:57   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئەنۋەرجان ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 178نى قولغا كەلتۈرۈپ، 4 مىليارد 971 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

    بۇ يىل 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 100 مىڭ ئۇرچۇقلۇق پاختا توقۇمىچىلىق تۈرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە ماكانلىشىپ، 2018 – يىلى 6 – ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەندى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېقىندا خاڭجۇ شەھىرىدە كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، سوممىسى 2 مىليارد 45 مىليون يۈەنلىك سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 11نى ئىمزالىدى، بۇ تۈرلەردە بۇ يىل ئىش باشلىنىدۇ.

    ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سودىگەر چاقىرىش تارماقلىرى سودىگەر چاقىرىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىنى كەسىپلەر بويىچە تۈرگە ئايرىپ، ۋىلايەتنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈر ئامبىرىنى تولۇقلىدى ھەم ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتنىڭ سودىگەر چاقىرىش تور بېكىتىدە ئېلان قىلىپ، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشقا تۈرتكە بولدى. نەتىجىدە، سودىگەر چاقىرىلغان 69 تۈردە ئىش باشلىنىپ، بۇ تۈرلەرگە 13 مىليارد 442 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى؛ 53 تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەندى ۋە بۇ تۈرلەرگە 10 مىليارد 397 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى