ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەدەبىي ئەسەرلەر

نان ھەمراھ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 04 - ئاينىڭ 21- كۈنى 04:44   |    ئاپتور : رەھىمە ئابدۇراھمان  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

(ھېكايە)

    

    ئانامنىڭ كېسەلخانىدا داۋالانغان كېسەللىك ئارخىپىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن نۆۋەت ساقلاپ ئولتۇرغىنىمغا خېلى بولدى. مەندىن ئىككى ئورۇن نېرىدا ئولتۇرغان، بىرنەچچە گىردە سېلىنغان يالتىراق خالتا تۇتۇۋالغان، 60 ياشلاردىكى بىر كىشى ماڭا تۇرۇپ – تۇرۇپ قاراپ قوياتتى. بۇ كىشىنى قەيەردىدۇر كۆرگەندەك قىلساممۇ زادىلا ئېسىمگە ئالالمىدىم.

    بىر چاغدا ئانامنىڭ مەسئۇل دوختۇرى شەپقەت يېنىمدىلا پەيدا بولۇپ بايىقى كىشىگە:

    ــ دادا، نېمىشقا ئاۋارە بولۇپ كەلدىڭ؟ كەچتە ئۆيگە قايتاتتىم، ــ دېگىنىچە دادىسى سۇنغان يالتىراق خالتىنى ئالدى.

    ــ ئاناڭ بىلەن موماڭ شەپقەت نەچچە كۈن بولدى ئۆيگە كەلمىدى، ئۇنى كۆرۈپ كەل، دەپ ئارام بەرمىدى.

    ــ ئۇلار مەندىن قاچانغىچە ئەنسىرەپ يۈرەر.

    شەپقەت تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بولۇپ، ھەر دائىم ئوپېراتسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن خۇددى خۇمارى بار ئادەمدەك بىر چىشلەم نان يەۋالىدىغان ئادىتى بار ئىكەن. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئەھۋال سورىدى ھەم دادىسىغا ‹‹بىمارىمنىڭ ئۆيىدىكىلىرى›› دەپ تونۇشتۇردى. دادىسى سالامدىن كېيىن:

    ــ سىڭلىم، سىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن، لېكىن ئېسىمگە ئالالمىدىم، ئوڭ پېشانىڭىزدىكى مەڭ ماڭا بەكمۇ تونۇش، ــ دېدى. ــ مەنمۇ نەدە كۆرگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالالمىغىنىمنى، لېكىن تونۇش چىراي ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم.

    ــ ئىسمىڭىز كىم بولىدۇ سىڭلىم؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ.

    ــ خانقىز.

    ــ خاتا تونۇماپتىمەن، سىز غۇلجىدىن شۇنداقمۇ؟ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان باياندايلىق خانقىز، ــ دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ، ئاندىن شەپقەتكە قاراپ:

    ــ 28 يىل بۇرۇن ساڭا كۆيۈك نېنىنى بەرمىگەن ھەدەڭ مۇشۇ بولىدۇ، ــ دەپ چاقچاق قىلدى. مەن ھەيران بولۇپ شەپقەتنىڭ دادىسىغا قارىدىم. راست شۇ ئابباسكام ئىكەن.

    ــ مەن پېشانىڭىزدىكى مېڭىڭىزگە قاراپلا تونۇغان، ــ دېدى ئۇ، ــ 28 يىل بۇرۇنقى غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغىچە يول توسۇلۇپ قالغان چاغ ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ شۇ چاغدىكى نان قەغىشىنى قىلغان بالا مانا مۇشۇ شەپقەت بولىدۇ.

    شەپقەتكە قارىدىم، دادىسىدىن قېچىپ مېنىڭ قۇچىقىمغا چىقىپ ئۇخلىغىنى ئېسىمدە.

    ــ بۇ دوختۇر ماڭا نېمانچە ئىسسىق كۆرۈنىدىكىن دېسەم، ئەسلىي كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى تونۇغان ئىكەندە، ــ دېدىم مەن.

    شۇ يىلى قىشلىق تەتىل توشۇپ مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقىتمۇ بولغانىدى. ئانام ئاغرىپ دوختۇرغانىدا يېتىپ قالغاچقا، مەكتەپكە بىر نەچچە كۈن كېچىكىپ بېرىشىمغا توغرا كەلدى. ئانام دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى بېكەتكە بېرىپ ئەتسى سائەت 10نىڭ بېلىتىنى ئالدىم. ئۆيدە نان تۈگەپ، ئانام سوقۇپ خالتىغا سېلىپ قويغان ناننى ئەتكەنچايغا چىلاپ ئىچىپ تۇرغانىدۇق. ئانام قېتىپ قالغان نانلارنى سوقۇپ، دەماللىققا نان خىجالىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن تەييارلاپ قوياتتى.

    ئانام ئىنجىقلاپ يۈرۈپ ئۇن تاسقاپ، ئەتىسى ئەتىگەندە مەن يولغا چىققۇچە نان يېقىپ بېرىدىغانغا تەرەددۇت قىلىۋاتاتتى.

    ــ ئانا، نان ياقىمەن دەپ ئاۋارە بولما، سالامەتلىكىڭ تېخى ئەسلىگە كەلمىدى، ــ دەپ توستۇم.

    ــ ئەتە ماڭىسەن، بىرەر تونۇر نان يېقىپ بەرمىسەم قانداق بولىدۇ.

    ــ مەكتەپتە نان بار، بولدى ئالمايمەن، ــ دېدىم. ئانام ساق بولغان بولسىغۇ، سۈت، مايلارنى قۇيۇپ، چەككۈچلەرنى سېلىپ كاكچە ناندىن بىر تونۇر يېقىپ بەرسە، ئىشكاپىمغا سېلىپ قويۇپ بىرەر ئايچە يېگەن بولاتتىم.

    ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام دادام تونۇرغا ئوتۇن سېلىۋاتقان ئىكەن، ئادەتتە دادام تونۇرغا ئوت سېلىپ بەرمەيدۇ، بۇ مېنىڭ نان ئېلىۋېلىشىم ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئالاھىدە تىرىشچانلىقى ئىدى. ئۇ:

    ــ ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا تونۇر قىزىمايۋاتىدۇ، ــ دېدى. ئانام ناننى راسلاپ بولۇپ تونۇر بېشىغا چىقتى. سائەت 8 بولۇپ قالغانىدى، يېزىدىن شەھەرگە بالدۇرراق كىرمىسەم بولمايتتى. سومكامنى تەييار قىلىپ تۇردۇم. دادام تونۇرنىڭ قىزىماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئوتۇننى بولۇشىغا قالاپ، تونۇرنى بەكلا قىزىتىۋەتكەن ئىكەن. نانلارنىڭ ئۇلى كۆيۈك، يۈزىمۇ چېكىم – چېكىم كۆيگەنىدى. نانغا قاراپ ئانام بىلەن دادام مەندىنمۇ بەكرەك جىلە بولۇۋاتاتتى. ئانام ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ‹‹نان ھەمراھ›› دەپ، ئىككى ناننى سومكامغا قىزىق پېتى سالدى ھەم ‹‹كېلەر ھەپتىگىچە ئالدىرىماي ئوخشىتىپ نان يېقىپ پوچتىدىن سېلىپ بېرىمەن›› دېدى.

    ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئىككى كىشىلىك ئورۇننىڭ دېرىزە تەرەپتىكىسىگە بېرىپ جايلاشتىم. ئاپتوبۇستا كۆڭلۈم ئېلىشقاچقا، قانداقلا ۋاقىتتا بولسۇن چەتتە ئولتۇرۇۋالاتتىم. ئاپتوبۇس قوزغىلىشقا نەچچە مىنۇت قالغاندا بىر ئەر بەش ياشلاردىكى ئوغۇل بالىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ يېنىمغا كېلىپ جايلاشتى. ئاپتوبۇس قوزغىلىشى بىلەن بالا قەغىشلىك قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئىچى پۇشقاندەك قىلاتتى، دادىسىنىڭ قۇلاقچىسىنى ئېلىپ چۆرۈيتتى، ئورۇندۇققا قىستىلىپ ئارىغا كىرىپ ئولتۇرىمەن دەيتتى. بالىنىڭ دادىسى ماڭا ئۆزرە ئېيتتى:

    ــ سىڭلىم، سەت بولدى. بالىنى ئاپتوبۇسقا چىقىپلا ئۇخلاپ قالارمىكىن دېسەم، خاپا قىلىۋاتىدۇ، سىزنى قىستاپ قويىدىغان بولدۇق.

    ــ ھېچقىسى يوق، ــ دېدىم مەن. بالا شۇ چاغدىلا مېنى كۆرگەندەك ماڭا ياماشتى، ئۇ بەكلا ئوماق ئىدى. بالىنىڭ تورى بولۇپ، قۇچاقتا ئولتۇرسا پۇتلىرىم تالاتتى. ئۇ قۇچىقىمدا ئولتۇرۇپ مەن بىلەن مۇڭدىشىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئىسمى شەپقەت، دادىسنىڭ ئىسمى ئابباس، ئاپىسىنىڭ گۈلسارە ئىكەن، ئۇ يەنە بوۋا – مومىلىرىنىڭ، تاغىلىرىنىڭ ئىسىملىرىغىچە دەپ بەردى. بالا كىچىكىدىن بوۋا – مومىسى بىلەن تۇرغان بولۇپ، دادىسى يېقىندا ياپونىيەگە چىقىدىغان بولغاچقا، ئانىسىنى يالغۇز قالمىسۇن ھەم بىرەر – ئىككى يىل يەسلىدە تۇرسۇن دەپ ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ ماڭغان ئىكەن.

    ــ سىزنىڭ ئىسمىڭىزچۇ؟ ــ سورىدى ئۇ مەندىن.

    ــ خانقىز.

    ــ سىز قۇرتما؟ ئۆمىلىيەلەمسىز؟ ئۇچالامسىز؟

    مەن ھەم بالىنىڭ دادىسىمۇ بۇ سوئالنى ئاڭقىرالماي قالدۇق.

    بالا:

    ــ مومامنىڭ ھويلىسىدا خانقىز بار. بىز ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ‹‹ئۇچۇپ بېرىڭ خانقىزىم›› دېسەك ئۇچۇپ بېرىدۇ، ــ دېدى. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ كۈلۈپ كەتتۇق. بالا قۇچىقىمدا ئولتۇرۇپ ماڭا ئۆزى بىلگەن چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بەردى.

    ــ ئىسمىڭ بەك چىرايلىقكەن ساقام، ــ دېسەم، ئۇ خۇددى چوڭ ئادەملەردەك ‹‹چوڭ بولسا شەپقەتلىك كىشى بولسۇن دەپ بوۋام قويغان ئىسىم›› دېدى.

    ئاپتوبۇس ئېغىر پۇشۇلداپ ماڭماقتا، پارمۇ بىلىنەر – بىلىنمەس ئىسسىپ قالغان بولۇپ، دېرىزە ئەينەكلىرىدىكى مۇزلار ئېرىشكە باشلىغانىدى. تالا ئاپئاق تونغا پۈركەنگەنىدى. كەڭساي ئېغىزىغا كېلىپ قالغانىدۇق، بالا تاتلىق ئۇيقۇدا شېرىن چۈش كۆرۈۋاتقان بولسا كېرەك، تۇرۇپ – تۇرۇپ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ قوياتتى.

    ئاپتوبۇسنىڭ توختىشى بىلەن ھەممەيلەن ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى ئەينىكىدىن بويۇنداپ سىرتقا قاراشتى. ‹‹يول توسۇلۇپتۇ – دە›› دېدى مويسىپىت كىشى خۇرسىنىپ. راست دېگەندەك يول توسۇلغانىدى. ئاپتوبۇس قىمىرلايدىغاندەك ئەمەس، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىلمۇ يوق. بايىلا ئېرىشكە باشلىغان دېرىزىدىكى مۇزلار قايتىدىن ھەر خىل گۈللەر شەكلىدە توڭلاشقا باشلىدى. بالا ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقان بولۇپ نان دەپلا قوپقانىدى. دادىسى سومكىلارنى ئىزدەپ تاپالمىدى. ئۇ كىشىنىڭ دېيىشىچە، شەپقەت ‹‹ئۈرۈمچىگە كەتمەيمەن›› دەپ جېدەل قىلىپ، شۇ پاتپاراقچىلىقتا سومكا ئۇنتۇلغانىدى. مەن ئانام بەرگەن ناننى چىقارماي جىمجىت ئولتۇرۇۋالدىم. چۈنكى ناننى بىرىنىڭ، بولۇپمۇ بۇ كادىر كىشىنىڭ ئالدىدا مەندە نان بار دەپ چىقىرىشتىن نومۇس قىلاتتىم. سومكامدىن پىرەنىك، ئالما ئېلىپ بالىغا بەردىم. بالا ئازراق يەپلا يەنە ناننىڭ جېدىلىنى قىلدى. ناننى نەچچە رەت ئالاي دەپمۇ باقتىم، لېكىن ئۇلى كۆيگەن نان ئىسسىق پېتى سومكىغا سېلىنغاچقا، ناننىڭ ئۇلىدىكى قارا ناننىڭ يۈزلىرىگىمۇ سۈركىلىپ شىلىمدەك بولۇپ كەتكەنىدى. بالىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىغان بىرەيلەن نانمۇ بەردى. بۇنداق ئانىسى نان ئالمىغان بالىلاردىن نەچچىسى بار ئىدى. مەن سومكامدىن ئالما، گۆش ئېلىپ ئۇلارغا بەردىم. مەن ياندۇرۇۋېتىشتىن قورقۇپ يولدا تاماق يېمەيتتىم. قورساقنىڭ ئاچقىنى، تالادىن پەرقى يوق سوغۇق ئاپتوبۇس. ئەتراپ تۈن قاراڭغۇسىغا چۆمگەنىدى. ئالدى تەرەپتىن ئاپتوموبىلنىڭ يورۇقى كۆرۈندى. ئاپتوبۇستا كىملەرنىڭدۇر ‹‹يول راۋانلىشىپتۇ›› دېگەن ئاۋازى چىقتى، راست شۇنداق ئىدى. ئاپتوموبىل خۇشياقمىغاندەك قوزغالدى. ھەممە ئادەم تاتلىق ئۇيقۇدا ئىدى. شەپقەت ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا يەنە ناننىڭ جېدىلىنى قىلدى، ئۇنىڭ يىغىسىغا زادىلا چىدىمىدىم. سومكامدىن چىڭ يۆگەلگەن يۇمشاق ناننى ئېلىپ شەپقەتكە بەردىم. قاراڭغۇدا ئۇنىڭ شۇنچە ئىشتەي بىلەن يەۋاتقىنى بىلىنىپ تۇراتتى. كۈندۈزى بولغان بولسا بەلكىم قاپقارا نانغا قاراپمۇ قويماس بولغىيتتى، دەپ ئويلىدىم.

    يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا ۋۇتەيگە كەلدۇق. سوغۇق ياتاق، تاماقمۇ يوق يەردە بىر كېچىنى ئۆتكۈزمەك ھەقىقەتەن تەس ئىدى. قورسىقىم ئېچىپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى. شۇندىلا ياراتمىغان ناندىن ئېلىپ يېيىشكە باشلىدىم.

    ئەتىسى ئاپتوبۇسقا چىقىپلا شەپقەت يەنە ناننىڭ جېدىلىنى قىلدى. بۇ ناننىڭ بەرىكەتلىك بولۇپ كەتكىنى، شەپقەتنى ناننى يېمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇ ‹‹كۆيۈك ناننى يېسە ئاۋازى چىرايلىق بولۇپ ناخشىچى بولىدىكەن، بوۋام شۇنداق دېگەن›› دەپ بىزنى كۈلدۈرۈۋەتتى. ئۇ ناننىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سول قولىنى ئېغىزىغا يېقىن تۇتۇپ توسۇيتتى. ئۇنىڭ ئەقىللىق بوۋىسى بارلىقىنى بالىنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ بىلىۋالغىلى بولاتتى. داداممۇ بىزگە كۆيگەن نانلارنى شەپقەتنىڭ بوۋىسى دېگەندەك گەپلەر بىلەن يېگۈزەتتى. مەن خىجىل بولغان ھالدا ئانامنىڭ ئەھۋالىنى ھەم ئالمايمەن دېسەم ئانامنىڭ سەپەردە ‹‹نان ھەمراھ›› دەپ سېلىپ بەرگەن كۆيۈك ناندىن نومۇس قىلىپ چىقارمىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئابباسكام:

    ــ ناندىنمۇ نومۇس قىلامدۇ سىڭلىم، دادىڭىز سىزنىڭ كېچىكىپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ ئوتنى تازا قالىغان گەپ. ئاغرىق تۇرۇپ تونۇر بېشىدا يۈرگەن ئانىدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. نان كۆيسە نېمە بوپتۇ، تەمى بەك ياخشى بولسا كېرەك، قاراڭ، شەپقەتنىڭ ئىشتەي بىلەن يەپ كەتكىنىنى! نان مانا راستلا ھەمراھ بولدىغۇ، ــ دەپ مېنى خىجىللىقتىن قۇتقۇزدى. جىڭغا كېلىپ قىزىق چۆچۈرە ئىچىپ، نەچچە گىردە سېتىۋالدۇق...

    شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇلارنى ئۇچراتمىغانىدىم. ئابباسكام:

    ــ ياپونىيەگە چىقىپ كېتىپ سىزنى ئىزدىيەلمىدىم، ئەسلىي كۆيۈك ناندىن بەشنى ئېلىپ بېرىپ سىزنى يوقلاش ئويۇم بار ئىدى، ــ دەپ چاقچاق قىلدى.

    ــ كۆيۈك نېنىمنى 28 يىل زاڭلىق قىلىپسىلەردە، ــ دەپ چاقچاق قىلدىم مەنمۇ.

    ئابباسكام شەپقەتنىڭ ئىچكىرىدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغىنىنى، ھەر قېتىم خەت يازسا ‹‹نان›› دېگەن گەپنىڭ چۈشۈپ قالمايدىغانلىقىنى دەپ بىزنى كۈلدۈرۈۋەتتى. ئابباسكامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن ئاپتوبۇس ئەمەس، ئايروپىلانغا چىقسىمۇ نان ئېلىۋالىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى