ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

تاپشۇرۇق ئىشلەشكە قېرىق ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش كېرەك؟

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 04 - ئاينىڭ 21- كۈنى 04:33   |    ئاپتور : ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    بەزى ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ئىشلىمەيدۇ ياكى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ بولدى قىلىدۇ، ھەتتا باشقىلاردىن كۆچۈرۈپ، تاپشۇرۇقنى ئالۋان ھېسابىدا تۈگىتىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلسا، ئەرزىمەس باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

    ئادەتتە، بىر سىنىپقا نىسبەتەن بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ خىل ھالەت ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، باشقا ئوقۇغۇچىلارغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ، سىنىپنىڭ بىر پۈتۈن كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە سەل قارىشىدىكى سەۋەبلەر كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقى، دەرسنى ئۆزلەشتۈرەلمىگەنلىكى، تاپشۇرۇق تەلىپىنى ئېنىق چۈشىنەلمىگەنلىكى، تاپشۇرۇق مىقدارىنىڭ كۆپلۈكى، مەلۇم بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلىنى تاپالمىغانلىقى، تاپشۇرۇق ئورۇنداش شارائىتىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، مەلۇم پەن، مەلۇم ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىغا ئانچە ماسلىشىپ كېتەلمىگەنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ خىل ئەھۋالنى بايقىغان ھامان ئەپچىل چارىلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەل ۋاقتىدا يېتەكلىشى كېرەك.

    ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق ئىشلەشنىڭ ۋەزىپە ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرت تەكرارلاش، ئىزدىنىش، مۇستەھكەملەش، ئۆزىنى سىناش، تەجرىبە ئىشلەش، سىناق قىلىش ۋە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلاردا تاپشۇرۇقنى ئۆزلۈكىدىن ئىشلەيدىغان ئاكتىپ روھىي ھالەت شەكىللىنىدۇ.

    ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق تېمىسىنى رەڭدار، شەكلىنى كۆپ خىل قىلىپ بەرگەندە، ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل تاپشۇرۇقلارنى قىزىقىپ ئىشلەيدۇ ۋە ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. مەسىلەن: سىز تىل – ئەدەبىيات دەرسىدە دائىم ماقالە يېزىش تاپشۇرۇقى بەرسىڭىز، بەزى ئوقۇغۇچىلار ياخشى يازالماسلىقى مۇمكىن. بىراق، سىز مەكتەپنىڭ بىر قېتىملىق مۇھىت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات يېزىش تاپشۇرۇقى بەرسىڭىز، بەزى پائالىيەتچان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ مۇھىت ئەھۋالىنى ناھايىتى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، سۈپەتلىك بىر دوكلات تەييارلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر سىز مەلۇم بىر يازمىچە تاپشۇرۇقنى ئاغزاكى ئورۇندايدىغان تاپشۇرۇققا ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم بىر پارچە ئەسەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرسىڭىز، بەزى ئاۋاز تۈسى ياخشى، رىتىم سېزىمى يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئاۋازى بىلەن شۇ ئەسەرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن؛ بەزىدە سىنىپتا كىچىك ئېتۇتلارنى ئورۇنداش تاپشۇرۇقى بەرسىڭىز، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە بولغان دوراش، تەقلىد قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، مەلۇم بىر پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى سىز ئويلىغاندىنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتالىشى مۇمكىن.

    تاپشۇرۇق ئىشلەشكە قېرىق ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچە ھاللاردا ‹‹تاپشۇرۇقنى مەكتەپتە ئىشلەپ بولدۇم››، ‹‹بۈگۈن تاپشۇرۇق بەرمىدى›› دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئاتا – ئانىلارنى ئالداپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، بالىلاردا يالغانچىلىق، پۇرسەتپەرەسلىك خاھىشلىرى ئەۋج ئېلىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچى چوقۇم تاپشۇرۇق نەتىجىسىگە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىمزا قويۇشى ۋە پىكىر يېزىشىنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق باھا بېرىشى ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشى لازىم. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

    ئومۇمەن، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە قېرىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم بىر جەريان، ئۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن سەۋرچان، ئېغىر – بېسىق، يېتەكلەشكە ماھىر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلەشكە قېرىق ئوقۇغۇچىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشى، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى، بۇ خىل ئوقۇغۇچىلاردىكى تۈرلۈك پىسخىك توسالغۇلارنى تۈگىتىشىگە قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىشى لازىم.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى