ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل 63 مىڭ نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ نۇقتىلىق ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇشىغا ياردەم بېرىمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 04 - ئاينىڭ 17- كۈنى 03:57   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

    2017-يىلى، ئېلىمىز نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت نامرات رايونلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى مەخسۇس پىلانلاپ، 63 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى بېكىتتى، پىلان يولغا قويۇلىدىغان رايونلار مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ناھىيە، دۆلەت دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىلىق ناھىيەلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن ئىبارەت. بۇ پىلاننى يولغا قويۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان رايونلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىلىدىغان نامرات ناھىيەلەر 2017-يىلى دۆلەتنىڭ مەخسۇس پىلان سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى